مۇخبىرنىڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، 1- ئاينىڭ 7- كۈنى سائەت 12دىن 30 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، رىكازې شەھىرىنىڭ دىڭرى ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش 53 ئادەمنىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىشى، 62 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نۆۋەتتە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى 2- دەرىجىلىك ئىنكاس قايتۇرۇشنى قوزغاتقان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئەترەت باشلاپ يەر تەۋرىگەن رايونغا يېتىپ بارغان، يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇشنى، ئەھۋالنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئاساسىي ساننى ئېنىقلاشنى، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداشنى تەلەپ قىلغان.
1- ئاينىڭ 7- كۈنى سائەت 9دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ رىكازې شەھىرى دىڭرى ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەركىزى دىڭرى ناھىيەسىنىڭ سوگو يېزىسىدا، تەۋرەش مەركىزىنىڭ 20 كىلومېتىر دائىرىسىدىكى نوپۇس سانى تەخمىنەن 6900 ئادەم بولۇپ، تەۋرەش مەركىزىنىڭ 20 كىلومېتىر دائىرىسىدە ئۈچ يېزا (بازار، كوچا) تۇرۇشلۇق جاي، 27 كەنت بار ئىكەن.
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە- ئىقتىساد قانىلى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)