دىڭرىدا 6.8 بال يەر تەۋرىدى | ئىككى تارماق جىددىي 100 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، شىزاڭنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مەدەت بەردى
18:23:00 2025-01-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى شىزاڭدىكى رىكازې شەھىرىنىڭ دىڭرى ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 6.8 بال يەر تەۋرەش ئەھۋالىغا قارىتا، مالىيە مىنىستىرلىقى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى 1- ئاينىڭ 7- كۈنى مەركەزنىڭ تەبىئىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن 100 مىليون يۈەننى شىزاڭنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن جىددىي ئاجراتتى، بۇ مەبلەغ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەتەردىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش خىزمىتىگە بىر تۇتاش ئىشلىتىلىدۇ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خادىملارنى ئىزدەش، قۇتقۇزۇش، يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، خەتەرنى تۈگىتىش قاتارلىق جىددىي تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش، ئىككىلەمچى ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش ۋە جىددىي تۈزەش، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەرنى رېمونت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر نۇقتىلىق ياخشى ئىشلىنىدۇ.

 مالىيە مىنىستىرلىقى شىزاڭ مالىيە نازارىتىدىن مەبلەغنى ئاپەت رايونىغا ئاجرىتىپ بېرىشنى چىڭ تۇتۇشنى، ئاپەت رايونىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ۋە مەبلەغ ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، تەدبىر قوللىنىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىشنى ھەمدە مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەبلەغ ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125