ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش، ئاساسنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت خىزمەت يۆنىلىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى
ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 1- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 2024- يىللىق ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتى (پارتىيە كومىتېتى) شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش، باھالاش- تەكشۈرۈش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش، ئاساسنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت خىزمەت يۆنىلىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قىلچە بوشاشماي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ، چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئىشلىرى ھەيئىتى، قوشۇمچە ئاساسىي قاتلام ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، تەشكىلات 2- ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى شى جۈن ۋە ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.
يىغىندا، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمەت كومىتېتى، مائارىپ خىزمەت كومىتېتى، «ئىككى يېڭى» خىزمەت كومىتېتى، پۇل مۇئامىلە خىزمەت كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئايرىم- ئايرىم خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. ما شىڭرۇي بىر- بىرلەپ باھا بەردى. يىغىنغا قاتناشقان خادىملار باھالاش ئېلىپ باردى.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تەشكىلىي سىستېمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: 2025- يىلى «14- بەش يىل» تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى زور، مەسئۇلىيىتى مۇھىم. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش، ھەقىقىي ئىجرا قىلىشقا يېتەكلەپ، باش تېما تەربىيەسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش توغرا يۆنىلىشىنى ئېنىق تۇرغۇزۇپ، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللەتلەر رايونىدىكى كادىرلارنىڭ «تۆت ئالاھىدە» ئۆلچىمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، كادىرلارنى ئالماشتۇرۇپ ۋەزىپىگە تەيىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، تەشكىلىي سىستېما ۋە خىزمەت كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى دائىملىق بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تەرتىپكە سېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا- بازار (كوچا باشقارمىسى)، كەنت(مەھەللە) پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىقىغا ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، «ئىككى يېڭى» تەشكىلات ۋە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك. تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن شىنجاڭ خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئارقىلىق ئىسلاھات، تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى كۈچەيتىپ، تەشكىلىي ئەۋزەللىكنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، خەلققە بەخت يارىتىش سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يۇقىرىنىڭكىنىلا ئاساس قىلىپ ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلماسلىق، ئالدىراقسانلىق قىلىپ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىش، بۈگۈننى ئويلاپ ئەتىنى ئۇنتۇپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي توسۇپ، يۇقىرىدىكىلەرگە ئىپادە بىلدۈرۈشكە بېرىلىپ كېتىدىغان، تۆۋەندىكىلەرگە مەسئۇل بولمايدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئويلاشمايدىغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەشتەك يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى، پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرىنىڭ 1- جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى ۋە بەنزە ئەزالىرىنىڭ «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»ىنى چىڭىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاساسىي قاتلامغا ئۇزارتىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بەنزە ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بەنزە ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، «ئىككى ۋەكىل، بىر ئەزا» ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.