ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر قىران ماقان
«كۆپچىلىك يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. پائالىيەت رەسمىي باشلاندى!» 1- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى بوستان يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن گېڭنىڭ سۆزى ئاياغلىشىشى بىلەنلا، رەڭدار ساليۇتلار كەينى- كەينىدىن ئېتىلدى. بوستان يېزىسىنىڭ «تىڭجوۋنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش . بىپايان تۇپراق رەڭدار تۈسكە كىردى» كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ھەم 3- نۆۋەتلىك دېھقان- چارۋىچىلار ئەنئەنىۋى خەلق ئۆرپ- ئادىتى مەدەنىيەت پائالىيىتى باشلاندى.
كۆپكۆك ئاسمان بوستان يېزىسىنىڭ قىرانتۆپە كەنتىدىكى بىپايان قارلىق دالىغا ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى، 3000غا يېقىن ھەر مىللەت ئامما ئەتراپتىكى جايلاردىن يېتىپ كېلىپ، يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى بەيگە كۆردى، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگدى، نومۇرلاردىن ھۇزۇرلاندى، باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋالدى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، شادىيانە مۇزىكا ساداسى بىلەن ئۇچقاندەك چېپىۋاتقان تۇلپارلارنىڭ تۇياق ئاۋازلىرى قوشۇلۇپ كەتتى، كىگىز ئۆيلەرنىڭ يېنىدىكى ئوچاقتا قوي گۆشى شورپىسى قايناۋاتاتتى، مەززىلىك ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى.
پائالىيەت باشلاندى، نەپىس ئەنئەنىۋى كىيىم- كېچەكلەرنى كىيىپ زىبۇ- زىننەتلەرنى تاقىغان بىرنەچچە قازاق ئايال چاچقۇ چېچىپ، يېڭى يىل شادلىقىنى ھەمبەھرىلىدى. ئارقىدىن، جۇشقۇن مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، قازاق يىگىتلىرى تۇلپارلارغا مىنىپ يول باشلاپ، قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى خەلق ئۆرپ- ئادىتىنى نامايان قىلدى. ئۇلارنىڭ كەينىدە، پادىچىلار توپ- توپ قوي- كالىلارنى ھەيدەپ كېلىپ، قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى مەنزىرىسىنى قايتا ئەكس ئەتتۈردى. ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، بايراملىق چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيگەن، بېشىغا قازاقچە تۇماق كىيگەن بىرنەچچە ئەر مورىنىڭ داڭلىق ئۇزۇن قاشلىق تۆگىسىگە مىنىپ ئاستا- ئاستا مەيدانغا كىرىپ، تاماشىبىنلارغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بوستان يېزىسىنىڭ تۆگە باقمىچىلىق كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى. ھەرقايسى كەنتلەردىن بەيگە پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن چەۋەندازلار خەلق ئۆرپ- ئادىتى كۆرەك قوشۇنىغا ئەگىشىپلا مەيدانغا كىردى، نەچچە ئون تۇلپار ئۇچقاندەك چېپىپ ئۆتۈپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك مەنزىرە ھاسىل قىلدى.
قامچا ئاۋازى بىلەن تەڭ، بىر ئەر، بىر ئايال ئات چاپتۇرۇپ ئۇچقاندەك كەلدى. ئايال قامچا ئوينىتىپ ئالدى تەرەپتىكى ئەرنى قوغلاشتى، تاماشىبىنلار يۇقىرى ئاۋازدا ئالقىش ياڭراتتى. بۇ، قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى خەلق ئۆرپ- ئادىتى ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى «قىز قۇۋار» ئىدى.
«قىز قۇۋار»نىڭ قىزىقارلىق كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرگەن تاماشىبىنلارنىڭ ھاياجېنى بېسىلماي تۇرۇپلا، خىزمەتچى خادىملار بەيگە مەيدانىدىكى مۇسابىقە يولىغا ئون نەچچە قىزىل شايى تۈگۈنچەكنى قويۇپ قويدى. ياش بىر چەۋەنداز ئانچە يىراق بولمىغان جايدىن ئاتنى ئۇچقاندەك چاپتۇرۇپ كېلىپ، قىزىل شايى تۈگۈنچەكلەرگە يېقىنلاشقان پەيتتە، ئاتنىڭ بىر تەرىپىدىن يانچە ئېڭىشىپ، قولىنى سوزۇپ يەردىكى قىزىل شايى تۈگۈنچەكنى ئالدى. تۇلپار ئۇچقاندەك چاپتى، چەۋەنداز ئاتنىڭ ئوڭ- سول تەرىپىدىن ئېڭىشىپ، يەردىكى قىزىل شايى تۈگۈنچەكلەرنى بىر- بىرلەپ ئالدى. قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى چەۋەندازلىق تۈرى بولغان «ئات مىنىپ يەردىن تەڭگە ئېلىش» ئويۇنى نەق مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
شۇ كۈندىكى ھەقىقىي ئەڭ مۇھىم پائالىيەت − بەيگە باشلاندى. ئاتلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، بەيگىگە قاتنىشىدىغان ئاتلارغا ئېگەر توقۇلمايدۇ، پەقەت چۇلۋۇرلا بولىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكرەك ئۆسمۈرلەر مىنىپ بەيگىگە قاتنىشىدۇ. بىرىنچى مەيدان مۇسابىقە بىر كىلومېتىرلىق بەيگە ئىدى. پۇشتەك چېلىنىشى بىلەن، بەيگىگە قاتناشقان ئون نەچچە ئات تەڭلا پەللىدىن چىقىپ، بىر- بىرىنى قوغلاشتى، مۇسابىقە باشلىنىپلا ئەۋجىگە چىقتى. تاماشىبىنلارنىڭ بىر كۈچىيىپ، بىر پەسىيىۋاتقان مەدەت ئاۋازلىرى بىلەن ئەڭ ئالدىدا چېپىپ كېتىۋاتقان ئۈچ ئات تەڭ دېگۈدەكلا ئاخىرقى پەللىدىن بۆسۈپ ئۆتتى.
نەتىجىدە، ئاقجول كەنتىدىن كەلگەن 15 ياشلىق ئۆسمۈر پاراسات قۇۋانقان 1- لىككە ئېرىشتى. ئالتە يىللىق بەيگىگە قاتنىشىش تەجرىبىسىگە ئىگە بۇ ئۆسمۈر يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنىلا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكىنىدىن بەكلا خۇشال بولۇپ كەتتى.
بۇ جايدا بەيگە پائالىيىتى جىددىي ھەم كەسكىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندا، ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى سەھنىدە ئورۇنلىنىۋاتقان مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىدىنمۇ كىشىلەر قانغۇچە ھۇزۇرلاندى، يىرقاباق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئېلىپ كەلگەن قازاق مىللىتىنىڭ توي ئۆرپ- ئادىتى نومۇرى پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. نومۇرلاردا يۈز ئېچىش، قاراجورغا ئۇسسۇلى ئويناش قاتارلىق قازاق مىللىتىنىڭ توي مۇراسىمىدىكى ئەنئەنىۋى خەلق ئۆرپ- ئادەتلىرى ئىپادىلىنىپلا قالماي، يەنە ناخشا تېكىستى قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىلغان، پائالىيەت مەزمۇنىدا كونا ئۆرپ- ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش، يۇقىرى سوممىلىق تويلۇقنى چەكلەش، مەدەنىي بولۇش، يېڭى ئىستىل تىكلەش قاتارلىقلار بەكرەك تەشەببۇس قىلىنغان بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى قازاق مىللىتى ئاممىسىنىڭ يېپيېڭى روھىي قىياپىتى نامايان قىلىندى.
داشۆنى پۈتكۈزۈپ يىرقاباق كەنتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان كاۋسار جۇكەي شۇ كۈنى توي ئۆرپ- ئادىتى نومۇرى ئورۇنلاشقا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ بىرنەچچە يىلدا، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ قوللىشىدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ <ھەميېنى> تومپايدى، تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلاندى. بىز كۆپچىلىكنى ئىدىيەۋى قاراش، تۇرمۇش شەكلى جەھەتتە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەشنى ئۈمىد قىلىمىز».
شۇ كۈنى، تاماشىبىنلار كاۋاپ، پولۇ، ھەر خىل پىشۇرۇق قاتارلىق مەززىلىك تائاملارغا بەھۇزۇر ئېغىز تەگدى، سۆڭەك ئويما، ئېگەر قاتارلىق نەپىس قول ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىمۇ تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلدى. ئاقجول كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سېرىك نىغاننىڭ سۆڭەك ئويمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان بولۇپ، شۇ كۈنى ئۇ ئەجدىھا، سۇمۇرغ، بۈركۈت قاتارلىق شەكىللەردە ياسالغان كۆپلىگەن قوي- كالا مۈڭگۈزى ئويما ئەسەرلىرىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۆپچىلىككە ئەسەرلىرىمنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە سۆڭەك ئويمىچىلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنىۋى سەنئەتنى چۈشەندۈرۈشنى ھەم ئۇلارنىڭ ياقتۇرۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
«بۈگۈنكى پائالىيەت نەق مەيدانىغا 3000غا يېقىن ئادەم كەلدى، بۇ، 5000دىن ئارتۇقلا نوپۇسى بار بوستان يېزىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر مەيدان تېپىلغۇسىز كاتتا مەرىكە ھېسابلىنىدۇ.» چېن گېڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن تۈرلۈك خەلق ئۆرپ- ئادىتى مەدەنىيەت بايلىقىنى داۋاملىق بىرىكتۈرۈپ ۋە ئېچىپ، تىرىشىپ خەلق ئۆرپ- ئادىتى مەدەنىيەت خاس ماركىسىنى يارىتىپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىمىز.
بۇنداق كاتتا پائالىيەت شۇ جايدىكى سودىگەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تېپىلغۇسىز سودا پۇرسىتى بولدى.
2022- يىلى، يىرقاباق كەنتى باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تايىنىپ، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش زاۋۇتى قۇردى، ئىشلەپچىقارغان سۈت مەھسۇلاتلىرى بازاردا ناھايىتى ئالقىشلاندى. شۇ كۈنى، پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى گۈلناز جۇلدىزبېك ۋە خىزمەتداشلىرى ئېلىپ كەلگەن قۇرۇت، سېرىق ماي، قايماق قاتارلىق ھەر خىل سۈت مەھسۇلاتلىرى ناھايىتى تېزلا سېتىلىپ تۈگىدى.
«بۈگۈنكى خەلق ئۆرپ- ئادىتى مەدەنىيەت پائالىيىتى يېڭى بىر يىلدىكى خاس مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيەتلىرىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى، كېيىنكى قەدەمدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەردە سەرخىل نومۇرلار كەينى- كەينىدىن ئورۇنلىنىدۇ، ئېسىل دەقىقىلەر ئۈزۈلمەيدۇ.» مورى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بالغىن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مورى ناھىيەسى ناھىيە رايونىنىڭ مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، كەسىپ قاتارلىق يېزا- كەنت ساياھەت بايلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل مەدەنىيەت- ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى سىجىل ئېچىپ، «قار- مۇز + مەدەنىيەت» «قار- مۇز + مەززىلىك تائام» «قار- مۇز + تەنتەربىيە» قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.