1- ئاينىڭ 8- كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى 2025- يىلى كەڭ كۆلەملىك ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنىڭ دائىرىسىنى كۈچەپ كېڭەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، شەخسىي ئىستېمالچىلار سېتىۋالغان يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى ۋە بىلەزۈك قاتارلىق ئۈچ خىل رەقەملىك مەھسۇلاتقا قارىتا (يەككە سېتىلىش باھاسى 6000 يۈەندىن ئاشمىسا)، مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ %15ى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، ھەر بىر ئىستېمالچىغا ھەر بىر تۈردىكى مەھسۇلاتتىن بىرىگە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، ھەر بىرىگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى 500 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)