دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ چېنشىن 1- ئاينىڭ 8- كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل مەخسۇس بىر قىسىم مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش قەرز پۇلىغا ئۆسۈم ياردىمى بېرىش زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، مەبلەغ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى ئاشۇرۇلۇپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش مەبلىغى يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك شەھەر ئاممىۋى ئاپتوبۇسى ھەم باتارېيەنى يېڭىلاش قاتارلىقلارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى ئۆلچىمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. (مۇخبىر ۋېي يۈكۈن، جاڭ شياۋجيې)
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)