بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى: دىڭرى ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشتە بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى
13:35:18 2025-01-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 1- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شى چۇن) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس 1- ئاينىڭ 7- كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگو شىزاڭنىڭ دىڭرى ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشتە كىشىلەرنىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلىقىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى، ھەر ۋاقىت ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: گۇتېررېس يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايدۇ.

گۇتېررېس يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار ئاپەت ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەر ۋاقىت ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىزاڭنىڭ رېكازې شەھىرى دىڭرى ناھىيەسىدە 1- ئاينىڭ 7- كۈنى سائەت 9دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە 6.8 بال يەر تەۋرىدى. 1- ئاينىڭ 7- كۈنى سائەت 19غىچە، دىڭرى ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش 126 ئادەمنىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىشى، 188 ئادەم يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125