ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى كىملىكنى ئىسپاتلاش، ئۇچۇر خاتىرىلەش، ئۆز سۈرۈشتۈرۈش، داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىش، ھەق تاپشۇرۇش ۋە تەمىنات ئېلىش، پۇل مۇئامىلە چىقىمى قاتارلىق ئالتە چوڭ ئىقتىدارغا ئىگە.
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى 95 تۈرلۈك ئەمەلىي قوللىنىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ساھەسىدىكى باشقا 65 تۈرلۈك ئەمەلىي قوللىنىش مۇندەرىجىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە كىملىكنى ئىسپاتلاش كارتىسى، ھەق تاپشۇرۇش كارتىسى، ئىشتا يارىلىنىش راسچوت كارتىسى، ياردەم پۇل تەمىناتى كارتىسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئامما كارتا ئارقىلىق ياكى ساۋما قىلىش ئارقىلىق تۈرلۈك مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ھەرقايسى جايلار ئەمەلىي ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئارقىلىق ئۆز جايىدا داۋالىنىش، دورا سېتىۋېلىش ۋە ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇردى. قىسمەن رايونلار ئاھالىلەر مۇلازىمەت ساھەسىدە سەپەرگە چىقىش، سەيلە- ساياھەت، مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش، شەھەر ئاھالىلىرىگە، دېھقان-چارۋىچىلارغا نەپ يەتكۈزۈپ مالىيە ياردەم پۇلى تارقىتىش قاتارلىقلاردا قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كارتا ئارقىلىق ئاممىۋى قاتناشقا، مېتروغا ئولتۇرۇش، كارتا ئارقىلىق باغچىغا كىرىش، مەنزىرە رايونىغا كىرىش بېلىتى سېتىۋېلىش، كارتا ئارقىلىق كىتاب ئارىيەت ئېلىش، مۇزېي \ كۆرگەزمىخانىغا كىرىش، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرىگە، دېھقان- چارۋىچىلارغا نەپ يەتكۈزۈپ مالىيە ياردەم پۇلى تارقىتىش قاتارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇردى.