پۇلىڭىز تېجىلىدۇ! يان تېلېفوندا باھا سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ! شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا تورغا چىقىرىلدى
16:02:53 2025-01-08 شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
 2024- يىلى 7- ئايدىن بۇيان، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەن، جياڭشى، شەندۇڭ، خېنەن، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، خەينەن، چۇڭچىڭ، سىچۇەن، گۇيجوۋ، يۈننەن، شىزاڭ، شەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي، شىنجاڭ قاتارلىق 29 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ھەمدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە پۈتۈن ئۆلكىنى قاپلىغان بېكىتىلگەن دورىخانىلاردا باھا سېلىشتۇرۇش كىچىك پىروگراممىسى ئارقا- ئارقىدىن يولغا قويۇلدى. ئامما شۇ جايدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى ئەپ دېتالى، ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسى، ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى، جىفۇباۋ كىچىك پىروگراممىسى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق دورا باھا سېلىشتۇرمىسىغا ئېرىشىپ، دورا باھاسىنى يان تېلېفوندا بىر كۇنۇپكا بىلەنلا سۈرۈشتۈرەلەيدۇ، ھەر ۋاقىت سېلىشتۇرالايدۇ ۋە دورىخانىنىڭ ئورنىنى تاپالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىسمەن ئۆلكىلەردىكى بېكىتىلگەن دورىخانىلاردىكى باھا سېلىشتۇرۇش پىروگراممىسى يەنە دورا ئامبار قالدۇقى ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىش، بىنورمال باھانى ئەسكەرتىش، باھا يۈزلىنىشىنى تەھلىل قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
 كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى ھەرقايسى جايلارنىڭ بېكىتىلگەن دورىخانىلاردىكى باھا سېلىشتۇرۇش كىچىك پىروگراممىسى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە سىجىل يېتەكچىلىك قىلىپ، باھا سېلىشتۇرۇش كىچىك پىروگراممىسىدىن خەۋەردار بولۇش نىسبىتى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دورا پارچە سېتىش كەسپى ئۈچۈن ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى يارىتىپ، ئاممىنى تېخىمۇ ئاشكارا، ئوچۇق دورا سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، دورا پارچە سېتىش كەسپىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125