​ئويۇن كۆرگەندە «تۈۋرۈك بېلىتى» سېتىۋېلىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟
10:52:47 2025-01-09 تىيانشان تورى

سۈرەت توردىن ئېلىنغان

 ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى چىن خانىم مۇنداق دېدى: ئالدىنقى مەزگىلدە، مەن ياخشى كۆرىدىغان ناخشىچى ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەندە، بىر ئاي بۇرۇن ئىچكى مەيدان بېلىتى زاكاز قىلغان ئىدىم، باھاسى بىر قەدەر يۇقىرى ئىدى. مەن تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ناخشا كېچىلىكىنى كۆرگىلى باردىم، بارغاندىن كېيىن، كۆرۈش دائىرەمنى نەق مەيدانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان سەھنە تۈۋرۈكى توسۇۋالغانلىقىنى، كېچىلىكنى كۆرۈش تەسىراتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بايقىدىم. ناخشا كېچىلىكىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئىچىم پۇشۇپ، مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگۈچى ئورۇننى ئىزدەپ پۇلنى تولۇق قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلدىم. لېكىن قارشى تەرەپ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈۋرۈكىنىڭ بىخەتەرلىك ئېھتىياجى ھەم سەھنىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، كۆرۈش دائىرىسىنى توسۇۋالغان تەقدىردىمۇ، توختامنى ئادا قىلىشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەق مەيداندا مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن بارلىقىنى، مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگۈچى تەرەپنىڭ ھەر بىر ئادەمنىڭ چوڭ ئېكران ئارقىلىق ناخشىچىنى بىۋاسىتە ئېنىق كۆرۈشىگە كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلىقىنى، كۆرۈش دائىرىسىنى توسۇۋالماسلىققا ۋەدە بېرىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىپ، پۇلنى تولۇق قايتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. سوراپ باقسام، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟

 ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ داچېڭ (ئۈرۈمچى) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى پەن زېڭياۋ مۇنداق دېدى: كەيپىياتىڭىزنى چۈشىنىمەن، تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ناخشا كېچىلىكىدە بىر تۈۋرۈك سەۋەبىدىن كۆرۈش تەسىراتىڭىزغا تەسىر يېتىپ كەيپىياتىڭىز بۇزۇلۇپتۇ. ئىستېمالچىلار كىرىش بېلىتىنى ئەرزان بولمىغان باھادا سېتىۋالسا، مۇكەممەل، چۆكۈش شەكلىدە ناخشا كېچىلىكىدىن كۆرۈش- ئاڭلاش تەسىراتىغا ئېرىشىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، كۆرۈش دائىرىسى ئېنىق بولغان ئويۇن كۆرۈش شارائىتى بىلەن تەمىنلەشمۇ مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگۈچى تەرەپنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى. مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگۈچى تەرەپنىڭ بېلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن، ئويۇن كۆرۈش تۈۋرۈككە قاراشقا ئۆزگىرىپ، كۆرۈش ئۈنۈمى تاماشىبىنلارنىڭ كۆڭلىدىكى مۆلچەرگە يەتمىگەن، مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگۈچى تەرەپ ھەم ئالدىن ئۇقتۇرمىغان، ھەم نەق مەيداندا ۋاقتىدا ئورۇن ئالماشتۇرمىغان، تەمىنلىگەن مۇلازىمەت ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمىگە ئۇيغۇن كەلمەي، نۇقسان پەيدا قىلغان. ئەلۋەتتە، ناخشا كېچىلىكى تەسىراتىمۇ ھەر تەرەپلىمىلىك بولىدۇ، سىز مۇددەتتىن بۇرۇن مەيداندىن چىقىپ كەتمىدىڭىز، پۇلنى تولۇق قايتۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر چوڭ، مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگۈچى تەرەپ بىلەن كېڭىشىش جەريانىدا پۇل قايتۇرۇش سوممىسىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئەگەر مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگۈچى تەرەپ يەنىلا قوشۇلمىسا، قانۇن ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغدىسىڭىز بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125