قايسى خىل ئەھۋالدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر شۇ يىلدىكى يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ؟
18:32:58 2025-01-08 تىيانشان تورى

ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن ئۇدا بىر يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغانلىرى

مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ

ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ جەمئىي خىزمەت قىلغان ۋاقتى

بىر يىلغا توشقان، 10 يىلغا توشمىغان بولسا

يىللىق دەم ئېلىش ۋاقتى بەش كۈن بولىدۇ

10 يىلغا توشقان، 20 يىلغا توشمىغان بولسا

يىللىق دەم ئېلىش ۋاقتى 10 كۈن بولىدۇ

20 يىلغا توشقان بولسا

يىللىق دەم ئېلىش ۋاقتى 15 كۈن بولىدۇ

دۆلەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنى، ئارام كۈنى

يىللىق دەم ئېلىش ۋاقتىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەتنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ ھەمدە ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ ئارزۇسىنى ئويلىشىپ، ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ يىللىق دەم ئېلىشىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

 قايسى خىل ئەھۋالدا ئىشچى- خىزمەتچىلەر شۇ يىلدىكى يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ؟

«ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش نىزامى»نىڭ 4- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:

ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرى شۇ يىلدىكى يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ:

(1) ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن قىشلىق، يازلىق تەتىلدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولۇپ، دەم ئالغان كۈن سانى يىللىق دەم ئېلىش كۈن سانىدىن كۆپ بولغانلىرى؛

(2) ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن شەخسىي ئىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىغان ۋاقتى جەمئىي 20 كۈندىن ئاشقان ھەمدە ئىشلىگەن ئورنى بەلگىلىمە بويىچە مائاشىنى تۇتمىغانلىرى؛

(3) جەمئىي خىزمەت قىلغان ۋاقتى بىر يىلغا توشقان، 10 يىلغا توشمىغان ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن جەمئىي ئىككى ئايدىن ئارتۇق كېسەللىك رۇخسىتى سورىغانلىرى؛

(4) جەمئىي خىزمەت قىلغان ۋاقتى 10 يىلغا توشقان، 20 يىلغا توشمىغان ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن جەمئىي ئۈچ ئايدىن ئارتۇق كېسەللىك رۇخسىتى سورىغانلىرى؛

(5) جەمئىي خىزمەت قىلغان ۋاقتى 20 يىلدىن ئاشقان ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن جەمئىي تۆت ئايدىن ئارتۇق كېسەللىك رۇخسىتى سورىغانلىرى.

تۇغۇت دەم ئېلىشى ئالغاندىن كېيىن، شۇ يىلى يەنە يىللىق دەم ئېلىشقا بولامدۇ؟  

«كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشىنى يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ 6- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:

ئىشچى- خىزمەتچىلەر قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشى، توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يېتىم دەم ئېلىشى، تۇغۇت دەم ئېلىشى قاتارلىق دۆلەت بەلگىلىگەن دەم ئېلىش ۋاقتى، شۇنىڭدەك ئىشتا يارىلىنىش سەۋەبلىك ئىشتىن توختاپ مائاشى ساقلاپ قېلىنغان مەزگىل يىللىق دەم ئېلىش ۋاقتىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ.

ئىشلەيدىغان ئورۇن ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى يىللىق دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرمىسا ھەم مۇناسىپ ئىش ھەققىنى بەرمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟

«ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش نىزامى»نىڭ 7- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:

ئىشلەيدىغان ئورۇن ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى يىللىق دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرمىسا ھەم بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى مائاش، ئىش ھەققىنى بەرمىسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كادىرلار ئىشلىرى تارمىقى ياكى ئەمگەك كاپالىتى تارمىقى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛

سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەن بولسا، ئىشلەيدىغان ئورۇن يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى مائاش، ئىش ھەققىنى بېرىشكە بۇيرۇلغاندىن سىرت، ئىشلەيدىغان ئورۇن يەنە يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى مائاش، ئىش ھەققى سوممىسى بويىچە ئىشچى- خىزمەتچىگە تۆلەم تۆلىشى كېرەك؛

يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى مائاش، ئىش ھەققى، تۆلەم پۇلىنى بەرمەي تۇرۇۋالغان ئىشلەيدىغان ئورۇن مەمۇرلار ۋە خادىملارنى مەمۇرلار قانۇنى بويىچە باشقۇرىدىغان ئورۇنغا تەۋە بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم، شۇنىڭدەك باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ باشقا ئورۇنغا تەۋە بولسا ئەمگەك كاپالىتى تارمىقى، كادىرلار ئىشلىرى تارمىقى ياكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125