1- ئاينىڭ 8- كۈنى، گوۋۇيۇەن ئاخبارات ئىشخانىسى سىياسەتتىن قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى، خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا ئالاقىدار مەسئۇل خادىم مۇنداق تونۇشتۇردى: بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى: باھا توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماسلىق، «ئاۋۋال باھانى ئۆستۈرۈپ، ئاندىن باھادا ئېتىبار بېرىش» قاتارلىق باھاغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بارلىقى بايقالغان ھەمدە ياردەم پۇلى مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋالغان تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىش سالاھىيىتى بىرىنچى ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ ھەم دۆلەتنىڭ ياردەم پۇلى مەبلىغى قايتۇرۇۋېلىنىدۇ. ئىستېمالچىلارنىڭ پاش قىلىش، ئەرز قىلىش يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىپ، يالغاننى راست قىلىپ كۆرسىتىش، ناچىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىش، كونىسىنى يېڭى قىلىپ كۆرسىتىش، لاياقەتسىز مەھسۇلاتنى لاياقەتلىك مەھسۇلات قىلىپ كۆرسىتىش ھەمدە ساختا ئېنېرگىيە ئۈنۈمى، سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمى بەلگىسىنى ياساش، ئىشلىتىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)