مەركەز مالىيەسى 2025- يىللىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مەبلىغىدىن 81 مىليارد يۈەننى ئالدىن چۈشۈرۈپ بەردى
13:22:41 2025-01-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

1- ئاينىڭ 8- كۈنى، گوۋۇيۇەن ئاخبارات ئىشخانىسى سىياسەتتىن قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا ئاچتى، خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەز مالىيەسى 2025- يىللىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مەبلىغىدىن 81 مىليارد يۈەننى ئالدىن چۈشۈردى. مەبلەغ ئېھتىياجى زور، جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان قىسمەن ساھەلەردە يولغا قويۇش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، ياردەم پۇل بېرىش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ.

دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، 2024- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەركەز مالىيەسى ئورۇنلاشتۇرغان 150 مىليارد يۈەن ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مەبلىغى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشلىتىلىپ بولغان؛ ئۇنىڭدىن باشقا 150 مىليارد يۈەن چوڭ كۆلەملىك ئۈسكۈنە يېڭىلاش مەبلىغى تۈر ئۇسۇلى بويىچە تەقسىم قىلىنغان، مالىيە مىنىستىرلىقى مەبلەغنىڭ ھەممىسىنى يەرلىككە چۈشۈرۈپ بەرگەن ھەم كونكرېت تۈرلەرگىچە ئايدىڭلاشتۇرغان.

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125