1- ئاينىڭ 8- كۈنى، گوۋۇيۇەن ئاخبارات ئىشخانىسى سىياسەتتىن قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى، خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2025- يىلى، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوخشاش بولمىغان ماركا، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى مەھسۇلاتلارنى رەقەملىك مەھسۇلاتلارنىڭ يېڭىسىنى سېتىۋالسا ياردەم پۇلى بېرىشكە قاتناشتۇرۇشقا مەدەت بېرىلىدۇ. ئالاقىدار مەسئۇل خادىم مۇنداق تونۇشتۇردى: مەيلى ئىچكى مەبلەغ كارخانىلىرى، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى بولسۇن، ياكى دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار بولسۇن، مەيلى چوڭ كارخانىلار ياكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار بولسۇن، مەيلى تور سۇپىسى كارخانىلىرى ياكى تور سىرتىدىكى ئەمەلىي كارخانىلار بولسۇن، ھەممىسى ئاشكارا، باراۋەر ھالدا ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىگە قاتنىشالايدۇ. ھەرقايسى جايلار قاتنىشىدىغان سۇبيېكتلارنىڭ تىزىملىكىنى مۇۋاپىق بېكىتىدۇ ۋە ۋاقتى- ۋاقتىدا يېڭىلايدۇ، ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرمىغان ۋە قانۇن- بەلگىلىمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلەر پاسسىپ تىزىملىككە كىرگۈزۈلىدۇ، ياردەم پۇلى بېرىشكە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى