1- ئاينىڭ 8- كۈنى، گوۋۇيۇەن ئاخبارات ئىشخانىسى سىياسەتتىن قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى، خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ تۈرى بۇلتۇرقى سەككىز خىل (توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ، كومپيۇتېر، سۇ ئىسسىتقۇچ، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ئوچاق، بۇس تارتقۇ)دىن 2025- يىلىدىكى 12 خىلغا (يېڭىدىن مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، سۇ تازىلىغۇچ، چىنە يۇيۇش ئۈسكۈنىسى، توك قازان قوشۇلدى) كۆپەيتىلدى، يەككە مەھسۇلاتتا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا سېتىلىش باھاسىنىڭ %20ى بويىچە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)