ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى
«بۈگۈن تۇرپانغا بارىمەن، يەتتە كۈن دەرس ئۆتىمەن، يەنە نەچچە ئون ئويما قەغەز قىيما ئوقۇغۇچىسىنى يېتىشتۈرىمەن، ئىنتايىن تەقەززا بولۇۋاتىمەن»، دېدى 1- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەر دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى قەغەز قىيما (ئويما قەغەز قىيما) ۋارىسى بەي لىلىڭ ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)نىڭ ليۇشىخۇ يېزىسى سەنگۇڭلياڭ كەنتىدىكى ئىشخانىسىدا سايمان ۋە كاردون قەغەزلەرنى يىغىشتۇرغاچ.
1- ئاينىڭ 2- كۈنى، بەي لىلىڭ سايمان ۋە ماتېرىياللارنى يىغىشتۇرۇپ، تۇرپان شەھىرىگە بېرىپ دەرس ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلماقتا.
ئويما قەغەز قىيما بولسا قەغەزنى قاتلاممۇقاتلام قىيىپ ئويۇش، قاتلاش، يۆگەش، چاپلاش ئارقىلىق شەكىللەندۈرگەن پېتىنغۇ- كۆپۈنگۈ ئىستېرېئولۇق ئۈنۈمگە ئىگە ئوبراز يارىتىش سەنئىتى بولۇپ، ئۇنىڭغا رەسساملىق ۋە ھەيكەلتىراشلىقنىڭ گۈزەللىكى يۇغۇرۇلغان.
1- ئاينىڭ 2- كۈنى، بەي لىلىڭ ئىشخانىسىدا قەغەز قىيما ئەسەرلىرىنى ياسىماقتا.
1- ئاينىڭ 2- كۈنى، بەي لىلىڭ ئىشخانىسىدا ئەمدىلا يېلىملىگەن 12 مۈچەل قەغەز قىيما ئەسىرىنى سۈرەتكە تارتماقتا.
بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن بەي لىلىڭنىڭ جۇڭگو خەلق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ھۈنەر- سەنئەت جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھۈنەر- سەنئەت ئۇستازى قاتارلىق «مەنسەپ»لىرى بار، يېقىندا يەنە ئۈرۈمچى شەھەر دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى قەغەز قىيما (ئويما قەغەز قىيما) ۋارىسى دېگەن نامغا ئېرىشتى. ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىدىن شەھەر دەرىجىلىك ۋارىسلىق قىلغۇچىغىچە بولغان تەسىراتىنى سۆزلىگەندە بەي لىلىڭ مۇنداق دېدى: قەغەز قىيما ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىم تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، مەسئۇلىيىتىم تېخىمۇ كۈچەيدى.
1- ئاينىڭ 2- كۈنى، بەي لىلىڭ كۇرسانتلارغا قەغەز قىيما ھۈنەر- سەنئىتىنى ئۆگەتمەكتە.
1- ئاينىڭ 2- كۈنى، بەي لىلىڭ كۇرسانتلارغا قەغەز قىيما ھۈنەر- سەنئىتىنى ئۆگەتمەكتە.
1- ئاينىڭ 2- كۈنى، كۇرسانتلار بەي لىلىڭنىڭ ئىشخانىسىدا قەغەز قىيما ھۈنەر- سەنئىتىنى ئۆگەنمەكتە.
2010- يىلى شىنجاڭ ھۈنەر- سەنئەت ئۇستازى، ئاپتونوم رايوننىڭ قەغەز قىيما غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسى شۈ نەيجېڭنى ئۇستاز تۇتۇپ قەغەز قىيما قىيىشنى ئۆگەنگەندىن بۇيان، بەي لىلىڭ ئىزچىل قەغەز قىيما سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان نەچچە مىڭ كىشى ئۇنىڭ دەرسىنى ئاڭلىدى.
دەسلەپتە پەقەت يەككە رەڭلىك قەغەز قىيما قىيىشنى بىلىشتىن، كېيىن چېكىپ بويالغان قەغەز قىيما، رەڭلىك قەغەز قىيمىنى بىلىشكىچە، ئاندىن يەنە ھازىرقى ئىستېرېئولۇق ئويما قەغەز قىيمىغىچە، بەي لىلىڭ ۋارىسلىق قىلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلدى، ئۇنىڭ ئويما قەغەز قىيمىلىرى تولۇق، مول، كېسىش ماھارىتى نەپىس، رەڭلىرى ماسلاشقان بولۇپ، «بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى» «يۈز يىللىق تۇغۇلغان كۈن. شانلىق مۇساپە» ناملىق ئەسىرى بىڭتۇەن ھۈنەر- سەنئەت جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
1- ئاينىڭ 2- كۈنى، كۇرسانتلار بەي لىلىڭنىڭ ئىشخانىسىدا سۈرەتكە تارتماقتا.
1- ئاينىڭ 2- كۈنى، كۇرسانتلار بەي لىلىڭنىڭ ئىشخانىسىدا سۈرەتكە تارتماقتا.
«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلار بىزنى دائىم بېيجىڭ، نەنجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتىپ ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇردى، يېقىندا شاڭخەيدە AI تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىستېرېئولۇق قەغەز قىيما ئەسەرلىرىنى لايىھەلەش ۋە ياساشنى ئۆگەندىم، ھازىر بۇ تېخنىكىنى پىششىق ئىشلىتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردۈم» دېدى بەي لىلىڭ.
بەي لىلىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېرىشكەن شەرەپ، مۇكاپاتلارنى ئىشخانىسىنىڭ تېمىغا چاپلاپ قويغانىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ مۇكاپاتلار ھەم ئېتىراپ قىلىنىش ھەم شۇنداقلا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ (1- ئاينىڭ 2- كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇقىم دەرس ئۆتۈشتىن باشقا، بەي لىلىڭ يەنە دائىم تەكلىپ بىلەن يەسلى، مەھەللە، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم مەكتەپلىرى، سەنئەت تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردا قەغەز قىيما بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇدا بەش يىل ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ «ئانار دانىسى» شۆبە ئەترىتىگە ئەگىشىپ جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ، مەدەنىيەت ھال سوراش ئويۇنى قويۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
1- ئاينىڭ 2- كۈنى، بەي لىلىڭ كۇرسانتلارغا ئويما قەغەز قىيما ھۈنىرىنى ئۆگەتمەكتە.
«قىشلىق بوش ۋاقىتلاردا ئاچا- سىڭىللىرىم بىلەن قەغەز قىيما قىيىشنى ئۆگىنىمەن ياكى بەي مۇئەللىمگە ياردەملىشىپ ئاساسىي خىزمەتلەرنى ئىشلەيمەن، ياخشى ئىشلىسەم بىر كۈندە 100 نەچچە يۈەن كىرىم قىلىمەن، كۈنلىرىم ناھايىتى مەنىلىك»، دېدى سەنگۇڭلياڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياڭ يۈەنيۈەن.
1- ئاينىڭ 2- كۈنى، ساياھەتچىلەر بەي لىلىڭنىڭ ئىشخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.