ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 1- ئاينىڭ 8- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ئاپتونوم رايوننىڭ قار- مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق قار- مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتقان.
«لايىھە»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلغان: قار- مۇز تەنھەرىكىتىنى يېتەكچى قىلغان، قار- مۇز مەدەنىيىتى، قار- مۇز جابدۇقلىرى، قار- مۇز ساياھىتىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان زامانىۋى قار- مۇز كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش تېزلىتىلىدۇ. 2027- يىلىغا بارغاندا، تىرىشىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 5S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانى 10غا، S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئومۇمىي سانى 50تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلىدۇ، S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانلىرىغا كىرىدىغان ئادەم قېتىم سانى 4 مىليوندىن ئاشۇرۇلۇپ، قار- مۇز كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 150 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ؛ 2030- يىلىغا بارغاندا، قار- مۇز كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 200 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭ خەلقئارا تەسىر كۈچكە ئىگە شىمال قار- مۇز ئىقتىسادى يېتەكچى رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ.