ئاپتونوم رايونلۇق ياش- ئۆسمۈرلەر ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى
18:06:38 2025-01-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

1- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە، «يۈگۈرۈڭلار . ئۆسمۈرلەر» 2024- يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ياش- ئۆسمۈرلەر ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى ناھىيەسى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىدا ئاياغلاشتى.

ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش ئايلانما تۈرى ئوغۇللار A گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچى ئاخىرقى پەللىگە ئېتىلماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭ فوتوسى

 بۇ قېتىمقى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مۇسابىقە ئوغۇللار، قىزلار A ،B ،Cدىن ئىبارەت ئالتە گۇرۇپپا ئايرىمىسىغا ئايرىلىپ، ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش بويىچە چوڭ ئايلانما، ئايلانما ۋە يەككە تاختىدا چاڭغا تېيىلىش بويىچە پاراللېل چوڭ ئايلانما، ئايلانما قاتارلىق تۆت تۈر بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. شىنجاڭ بويىچە توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن كەلگەن 124 تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتناشتى.

ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى مول بولدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭ فوتوسى

 بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ باش رېپىرى سۈن جىچىننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياش- ئۆسمۈرلەر ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش كوماندىلىرى سانىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ماھارەت سەۋىيەسىنىڭمۇ كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەرگە يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكەن، بۇ، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان پۈتۈن شىنجاڭدىكى، بولۇپمۇ ئالتاي ۋىلايىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى تېخىمۇ كۆپ مەكتەپتە قار- مۇز ئالاھىدە دەرسى تەسىس قىلىنغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125