شىزاڭ دىڭرىدىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى
20:01:54 2025-01-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى 

شىزاڭ دىڭرىدىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى 

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 1- ئاينىڭ 9- كۈنى يىغىن ئېچىپ، شىزاڭ دىڭرىدىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىزاڭ دىڭرىدا 6.8 بال يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلار تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، كۈچلۈك تەشكىللىدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئامما ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى، بولۇپمۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش- قۇتقۇزۇش قوشۇنى، ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە مەركەز كارخانىلىرى قاتارلىق قۇتقۇزۇش كۈچلىرى قەھرىتان سوغۇق، ئوكسىگېن كەمچىل بولۇشتەك قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، مىنۇت- سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدەپ ۋە قۇتقۇزۇپ، ئادەم ئۆلۈش- يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتتى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئومۇمىي جەھەتتىن ئوڭۇشلۇق بولدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھازىر، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرماقتا، قىلچە بوشىشىپ قېلىشقا بولمايدۇ. خىزمەتنى تېخىمۇ ئىنچىكە ئىشلەپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. قۇتقۇزۇش، كېيىنكى ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇش كېرەك. داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنى كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇشقا تەشكىللەپ، يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش- داۋالاش كېرەك. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۆتكۈنچى مەزگىللىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە خارابىلىكنى تازىلاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئاپەت يۈزبەرگەن رايوننىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك زىددىيەت- ماجىرالارنى ۋاقتىدا بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ھەل قىلىپ، نوپۇزلۇق ئۇچۇر ئېلان قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نۇقتىلىق رايونلاردىكى ئۆي، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: يەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىشى، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر زىچ ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇشى، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىشى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

 يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125