شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لاسا، 1- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار گېساڭ بيەنجۆ، ليۇ جوۋپېڭ) شىزاڭنىڭ دىڭرىدا يۈز بەرگەن 6.8 بال يەر تەۋرەشتە بەختسىزلىككە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى 1- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان چاڭسو يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشكە قاتناشقان ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش خادىملىرى، گۇڭئەن خەلق ساقچىلىرى، تېببىي خادىملار، ياش پىدائىيلار ھەم ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ خادىملىرى، كادىرلار ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر، يەر تەۋرىگەن رايوندىكى ئامما ۋەكىللىرىدىن بولۇپ نەچچە يۈز كىشى باش كىيىمىنى ئېلىپ سۈكۈتتە تۇرۇپ، بەختسىزلىككە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا ئۈچ مىنۇت تەزىيە بىلدۈردى.
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)