ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 520 مېتىر كېلىدىغان كوچا ئەتىرگۈل، مۇز ئويما، پانۇسلار بىلەن بېزىلىپ، ھەر كۈنى نۇرغۇن ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىنى يوقلىمىدىن ئۆتۈپ سۈرەتكە چۈشۈشكە جەلپ قىلدى.
بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئۈرۈمچى سايباغ رايونىغا جايلاشقان نۇرباغ غەربىي يولى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قىش پەسلىدىكى توردا ئالقىشلانغان يوقلىمىدىن ئۆتۈش نۇقتىسىغا ئايلاندى.
لايىھەلىگۈچىلەر، پىدائىيلار بۇ كوچىنى «چېرتيوژ» قىلىپ، دەل- دەرەخلەرگە «پوپايكا» كىيدۈرۈپ، تاملارنى تۈرلۈك رەڭدە بوياپ، كوچا رايونىغا قويۇق مۇھەببەت كەيپىياتى ئاتا قىلدى.
مانا بۇ ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل بەرپا قىلغان تۇنجى «شەھەر باشقۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك كوچا رايونى» − نۇرباغ غەربىي يولى ئۈلگىلىك كوچا رايونى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13- ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: شەھەرنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئۈرۈمچىنى يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈرۈمچىنى كۆڭۈل قويۇپ باشقۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئۆزگىرىشنى كۆرسىتىش، ئۇلارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش، رازى قىلىش كېرەك. نۇرباغ غەربىي يولىدىكى كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش دەل بۇ بىر ئابزاس سۆزنىڭ ئەڭ ياخشى ئىزاھاتى.
بۇ «مۇھەببەت»كە تولغان كوچا رايونى
ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جاڭ فېڭلىنىڭ ئۆيى نۇرباغ غەربىي يولىنىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئىككى كۈندىن بۇيان ئۇ يان تېلېفونىدا كوچا رايونىنى سۈرەتكە تارتىپ، ئۇرۇق- تۇغقان، دوستلىرىغا كۆرسەتتى. جاڭ فېڭلى «مۇزغا قاتۇرۇلغان ئەتىرگۈل بەك رومانتىك تۇيغۇ بېرىدىكەن، بۇ كوچىنىڭ بۇنداق گۈزەل بولۇپ كېتىشىنى ئويلاپ باقماپتىمەن، بەك ياقتۇردۇم» دەپ ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.
بۇ كوچىدا «يېڭى شەيئى»لەرنىڭ ئارقا- ئارقىدىن بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرباغ غەربىي يولى ئىسمى- جىسمىغا لايىق توردا ئالقىشلانغان يوقلىمىدىن ئۆتىدىغان جايغا ئايلاندى.
دوۋيىن دارىنى ۋاڭ ۋېنيا سۈرەتكە ئېلىش ئۈسكۈنىسىنى ئېلىپ بۇ كوچىنىڭ ئۆزگىرىشلىرىنى خاتىرىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ مۇھەببەتكە تولغان كوچا. رەڭدار ئەتىرگۈللەر قار- مۇزلار بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ، كوچىنى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزۈپتۇ، مەن كامېرا ئارقىلىق يۇرتۇمنى ياخشى خاتىرىلەپ تەشۋىق قىلىمەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)دىكى خىزمەتچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ كوچىنىڭ ھازىرقى قىياپىتىنى بۇ ئىدارە بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى ۋۇگۇي مەھەللە تەرەققىيات مەركىزى ئورتاق بەرپا قىلغان.
ئەيلى تورت دۇكىنىنىڭ باشلىقى چېن جۈنشياڭ كوچىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولۇپلا قالماي، بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى.
چېن جۈنشياڭ مۇنداق دېدى: «كوچىلار گۈزەللەشسە نەپكە ئېرىشىدىغىنى يەنىلا بىز تىجارەتچىلەر، بىزنىڭمۇ بۇ كوچىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغۇمىز بار».
بۇ بىر «ھارارەتلىك» نام كارتىسى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «مۇھىتنى تۈزەش ۋە ئەسلىھەلەرنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»دىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، جەمئىيەت كۈچلىرىنى كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىپ، نۇرباغ غەربىي يولىنى روشەن ئۇسلۇبقا ئىگە كوچا رايونى ئۈلگىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، كۆپەيتكىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈردى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى كاڭ يى مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بىز قولغا كەلتۈرگەن ئۈنۈم ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولدى، تىجارەتچىلەر نەپكە ئېرىشتى، شەھەر ئاھالىسى، ساياھەتچىلەر ياقتۇردى، خىزمىتىمىزمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ماختىشىغا ئېرىشتى.
گۈزەل ئۆزگىرىشلەرگە ھەممە گۇۋاھ بولدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جاڭ ۋېنشېڭ بالىسى بىلەن بۇ كوچىدىكى ئوماققىنا مۇز ئويما يىلپىزنى سۈرەتكە تارتقاندا بالىسىغا: «قالايمىقان تۇتماڭ، سىلىماڭ، بىز ئۈرۈمچىنىڭ گۈزەللىكىنى ئاسرىشىمىز كېرەك» دەپ ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.
كاڭ يى مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھەر دەرىجىلىك شەھەر باشقۇرۇش تارمىقى سايباغ رايونىدىكى شەھەر باشقۇرۇش تارمىقى، كوچا باشقارمىسى، مەھەللە قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە تازىلاش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۈلگىلىك كوچىنى ئىزچىل پاكىز، رەتلىك، گۈزەل قىلىپ، «ھەم چىرايلىق، ھەم ھارارەتلىك» شەھەر كوچا رايونى ئوبراز نام كارتىسى بەرپا قىلدى.
كاڭ يى مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە داۋاملىق ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە كوچىلارنى تاللاپ، تېخىمۇ كۆپ يارقىن نۇقتىلىق، باش تېمىلىق، ھارارەتلىك شەھەر كوچىلىرىنى بەرپا قىلىمىز». (مۇخبىر جيا مېڭيەن)