كۆمۈرلۈكتىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش
11:07:19 2025-01-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى يۈ جياڭيەن، ياڭ شۇخەن

 «چۈسىدىن ئىككى يۈز چاقىرىم يىراقلىقتا تاغ بار، كېچىدە ئوت ئۇچقۇندايدۇ، كۈندۈزدە پەقەت ئىس- تۈتەك كۆرۈنىدۇ.» شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدىكى جۇغراپىيەشۇناس لى داۋيۈەن يازغان «دەريالار تەپسىراتى ئىزاھلىرى»دا شىنجاڭدىكى كۆمۈرلۈك ئوت ئاپىتى مۇشۇنداق تەسۋىرلەنگەن. چۈسى يەنى كۈسەن ھازىرقى كۇچانى كۆرسىتىدۇ. قەدىمدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭدا كۆمۈرلۈك ئوت ئاپىتىنى تىزگىنلەش ئىزچىل قىيىن مەسىلە بولۇپ كەلگەن.

 شىنجاڭدىكى كۆمۈرلۈكلەر زاپاس كۆمۈر قاتلىمى تېيىز بولۇش، كۆپ قىسمى ئوچۇق ھالەتتە بولۇش، ئاسان ئوكسىدلىنىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرغاق، شامال كۆپ چىقىدىغان، يامغۇر ئاز ياغىدىغان تەبىئىي مۇھىت بولغاچقا، ئاسانلا ئۆزلۈكىدىن ئوت كېتىدۇ، شۇنداقلا تۇتاشقان ھامان ئوت تېز سۈرئەتتە يامراپ كېتىدۇ.

 شىنجاڭ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە دۆلەتنىڭ «قوش كاربون» ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش خىزمىتىگە تېز تۈرتكە بولۇپ ۋە سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشنىڭ كېيىنكىلەرگە پايدىسى بولىدىغان، ئاممىغا بەخت يارىتىدىغان بىر تۈرلۈك ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى، بىر تۈرلۈك ئاممىۋى مەنپەئەت ئىشى ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىلمىي ئۇسۇل ۋە كەسپىي تېخنىكا قوللىنىپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تۈزەش بىلەن بۇلغىمىنى ئازايتىپ كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشنى ماسلاشتۇرۇپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى.

 2022- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ بويىچە جەمئىي 24 جايدىكى كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش تاماملىنىپ، ھەر يىلى 3 مىليون 830 مىڭ توننا كۆمۈرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ئازايتىلدى، 9 مىليون 850 مىڭ توننا كاربون (Ⅳ ) ئوكسىدى ئاز قويۇپ بېرىلدى، 57 مىڭ توننا بۇلغىما ئاز قويۇپ بېرىلدى، كۆمۈر بايلىقى بىخەتەرلىكى ۋە ئەتراپتىكى شەھەر- بازارلارنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئۈنۈملۈك قوغدالدى.

 ئوت رايونىنى تۈزەشكە يۇقىرى قاتلامدىن تۈرتكە بولۇش

 شىنجاڭدا كۆمۈر بايلىقى مول، مۆلچەرلەنگەن بايلىق مىقدارى 2 تىرىليون 190 مىليارد توننا بولۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر- خىمىيە سانائىتى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە، ئېچىش ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق.

 2023- يىلى 8- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش كېرەك.

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، كۆمۈر بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلدى، كۆمۈر ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە قويۇپ بېرىلدى.

 دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024- يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى جەمئىي 477 مىليون 368 مىڭ توننىغا يېتىپ، 2023- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %19.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇرغان. «شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» مىقدارى يىلدىن- يىلغا ئېشىپ، كۆمۈردىن ماي ئېلىش، كۆمۈردىن گاز ئېلىش قاتارلىق چوڭ- چوڭ تۈرلەر ئارقا- ئارقىدىن يولغا قويۇلۇپ، كۆمۈر كەسىپ زەنجىرى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىگەن.

 لېكىن شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسى يەنىلا ئاجىز، يەنە كۆمۈرلۈك ئوت ئاپىتىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىدا ھەر يىلى كۆيۈپ ئىسراپ بولۇۋاتقان كۆمۈر 21 مىليون 800 مىڭ توننا بولۇپ، زور مىقداردىكى بايلىق ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداشقىمۇ كەسكىن خىرىس ئېلىپ كەلدى.

 2019- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە شىنجاڭ 5- قېتىملىق كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە تولۇقلاپ چارلاش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىي 84 جايدا كۆمۈرلۈك ئوت رايونى بار ئىكەن.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆمۈرلۈكتىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» ۋە قوشۇمچە ئۇقتۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ چىقىرىپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش خىزمىتىنى قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە ئالغا سىلجىتتى. 2024- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم كۆمۈرلۈك ئوت رايونىغا بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈزەش لايىھەسىنى نەق مەيداندا تەتقىق قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشكە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

 دۆلەتنىڭ «قوش كاربون» ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى چىڭ كۆزلەپ نۇقتىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار (ئورۇنلار)دىن سىياسىي ھېسابات، ئېكولوگىيە ھېساباتى، ئۇزاق مەزگىللىك ھېساباتنى كۆپرەك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئىلمىي، قېلىپلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن بايلىقنى قوغداشتا قوش ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ماددىي ئاساسى ۋە كەسىپ تىرىكىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاشنى تەلەپ قىلدى.

 «بىر رايونغا بىر تەدبىر» ئارقىلىق ئىلمىي تۈزەش

 كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش بىر دۇنياۋى قىيىن مەسىلە، كۆپ ساھەگە چېتىلىدىغان ئىلمىي مەسىلە.

 دۇنياۋى قىيىن مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، شىنجاڭ كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش بويىچە پەن- تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، مۇنبەر، مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق «سىرتنىڭ ئەقىل- پاراسىتى»دىن پايدىلاندى.

 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 5- كۈنى، شىنجاڭ ئېكولوگىيە- مۇھىت پەن تەتقىقات ئورنى ئۆتكۈزگەن «كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىشنى ماس ئالغا سىلجىتىش» كەسپىي مۇنبىرىدە، مەملىكەت بويىچە كۆمۈر ئوتىنى ئۆچۈرۈش ساھەسى ۋە ئېكولوگىيە- مۇھىت ساھەسىدىكى ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ئۈرۈمچىدە جەم بولۇپ، شىنجاڭدىكى كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى مەنبەدىن تۈزەش، دەل جايىدا چارلاش، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش- تىزگىنلەش، بىخەتەرلىكنى باھالاش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

 «شىنجاڭ كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشتە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئاساستا، ئىلغار تەكشۈرۈش ۋاسىتىسى ھەم نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى قوللىنىپ، ئوتنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى تەھلىل قىلىشى كېرەك.» جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، چوڭقۇر قاتلامدا كۆمۈر قېزىش بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىت قوغداش مەملىكەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى يۈەن لياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر دۆلەتنىڭ نۇرغۇن مۇھىم تەتقىقاتلىرىنىڭ ھەممىسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، نۇرغۇن ئىلغار ئۈسكۈنىلەر ۋە تېخنىكىلار پىشىپ يېتىلدى، بۇ نەتىجىلەرنى شىنجاڭدىكى كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشتە مەركەزلىك قوللىنىپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىدا ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئىختىساسلىقلىرىنى توپلاپ، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۈزەشنى يولغا قويۇش كېرەك.

 بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شىنجاڭ نەچچە ئون يىللىق ئەمەلىي ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئايرىش، بۇرغىلاش، سۇ كىرگۈزۈش، لاي قۇيۇش، سېرىق توپا يېپىشتىن ئىبارەت «بەش قەدەملىك ھۈنەر- سەنئەت» ئۇسۇلى ئارقىلىق تۈزەش تەجرىبىسىنى يەكۈنلەپ چىقتى. ھازىر ئوت رايونىنى تۈزەشتە «بىر رايونغا بىر تەدبىر» ئارقىلىق چوڭقۇر تۈزەپ، ئوت رايونىنى ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇپ تۈزەش ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئېچىپ تۈزەشكە ماس كېلىدىغان ئوت رايونىدا سېرىق توپىنى ئايرىش، ئوت مەنبەسى گەۋدىسىنى قېزىش، سېرىق توپا يېپىشتىن ئىبارەت «ئۈچ قەدەملىك ھۈنەر- سەنئەت» ئۇسۇلى ئارقىلىق تۈزەش تەلەپ قېلىندى. «بەش قەدەملىك ھۈنەر- سەنئەت» ئۇسۇلىغا سېلىشتۇرغاندا، «ئۈچ قەدەملىك ھۈنەر- سەنئەت» ئۇسۇلى تېخىمۇ دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇپ، پاكىز، ئۈزۈل- كېسىل تۈزىگىلى بولىدۇ.

 پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئون نەچچە يىل كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى چارلاش بىلەن شۇغۇللانغان ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسى شىنجاڭ كۆمۈرلۈك گېئولوگىيە مەركىزى يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا بىر تۈركۈم ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈپ، چارلاشنىڭ دەرىجىسىنى يەر يۈزىنى چارلاشتىن ھازىرقى «ئاسمان- بوشلۇق- يەر يۈزى- تۆشۈك» بىر گەۋدىلەشكەن چارلاشقا ئۆستۈرۈپ، دەل جايىدا تەكشۈردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسى شىنجاڭ كۆمۈرلۈك گېئولوگىيە مەركىزى ئېكولوگىيە- مۇھىتنى چارلاش ئورنى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دوۋ لۇڭخۇي مۇنداق چۈشەندۈردى: «ئاسمان» دېگەنلىك سۈنئىي ھەمراھ يىراقتىن سېزىشتىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر توپلاشنى كۆرسىتىدۇ؛ «بوشلۇق» دېگەنلىك تىزگىنەكلىك ئۇچقۇغا ئورنىتىلغان ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات، ئاۋىياتسىيە ماگنىتى، پەيتلىك ئۆزگىرىشچان باتارېيەدىن پايدىلىنىپ تەكشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ؛ «يەر يۈزى» دېگەنلىك يەر يۈزىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشتە ئەنئەنىۋى ماگنىتلىق ئېلېكتىر ئاساسىدا قېزىش رايونى، يېرىقلارنى يۇقىرى زىچلىقتا تەكشۈرۈشنى كۆپەيتىشنى كۆرسىتىدۇ؛ «تۆشۈك» دېگەنلىك تۆشۈككە كامېرا كىرگۈزۈپ كۆزىتىش، تۆشۈك ئىچى سونارى قاتارلىق ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىپ، قېزىش رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسى، چوڭ- كىچىكلىكى، سۇ يىغىلىپ قالغان- قالمىغانلىقى قاتارلىقلارنى دەل جايىدا تەكشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

 كۆمۈرلۈكتىكى «ئوت ئۆچۈرۈش» سۈرئىتىنى تېزلىتىش

 «ئوت ئالۋاستىسى» بىلەن بەسلىشىپ، ۋاقىت قوغلىشىپ، سۈرئەت قوغلىشىپ، قەھرىتان قىشتىمۇ، شىنجاڭدىكى بىرقىسىم كۆمۈرلۈك ئوت رايونلىرىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى يەنىلا توختاپ قالمىدى.

 سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا جەمئىي 28 جايدا ئوت رايونى بار بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئومۇمىي ساننىڭ %33ىنى ئىگىلەپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە كۆمۈرلۈك ئوت رايونى سانى ئەڭ كۆپ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ھېسابلىنىدۇ. فۇكاڭ شەھىرىدە جەمئىي 14 جايدا ئوت رايونى بار بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە كۆمۈرلۈك ئوت رايونى سانى ئەڭ كۆپ ناھىيە، شەھەر ھېسابلىنىدۇ. ھازىرغىچە، فۇكاڭ شەھىرىدە جەمئىي تۆت جايدىكى ئوت رايونىنى تۈزەش تاماملاندى.

 فۇكاڭ شەھىرى لۈساۋگوۋ كۆمۈرلۈك ئوت رايونىدا ئوت رايونىنى تۈزەشنى تېزلىتىش جىددىي ئىشلەنمەكتە. 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 22- كۈنى، كاندا ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى، قېزىش ماشىنىسى ئۇياقتىن- بۇياققا ئۆتۈشۈپ، ماشىنا- ماشىنا سېرىق توپىلار كۆمۈرلۈككە تۆكۈلۈپ، كان ئازگىلىنى تېشىدىن ئىچىگە پەيدىنپەي تىندۇرۇپ كۆمۈۋاتاتتى ھەم تۇلۇق بىلەن بېسىپ چىڭداۋاتاتتى. كۆمۈرلۈكتىكى ئوتتىن ئىس چىقىشقا باشلىغاندا، ئاندىن سۇ كىرگۈزۈپ تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىپ، ئارقىدىن ئوت مەنبەسى گەۋدىسىنى قېزىپ چىقىرىۋاتاتتى.

 كان ئازگىلىنىڭ چوڭقۇر جايىدا، ئۈزۈلمەي چىقىۋاتقان قويۇق ئىس- تۈتەك پۇرقىراپ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، تۆت جايدىكى ئوت مەنبەسى گەۋدىسىدىن يەنىلا ئوت يالقۇنلاۋاتاتتى. ئوت رايونىنى تۈزەش خادىملىرى ئوت مەنبەسىنى بالدۇر كولاپ چىقىرىۋەتكەندە كۆمۈرنىڭ ئاز زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.

 قۇرۇلۇش قىلىنغان ئۈچ ئايدىن بۇيان، لۈساۋگوۋ كۆمۈرلۈك ئوت رايونىدا 1 مىليون 600 مىڭ كۇب مېتىردىن ئارتۇق توپا ئايرىلدى، نۆۋەتتىكى تىندۇرۇش- كۆمۈش سۈرئىتى بويىچە ئېيتقاندا، مۆلچەرلىنىشىچە، 2025- يىلى ئەتىياز كىرگەندىن كېيىن، تۆت جايدىكى ئوت مەنبەسى گەۋدىسىگە سۇ كىرگۈزۈپ تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلەتكىلى، ئاندىن كۆمۈر داشقاللىرىنى كولاپ چىقىرىپ، سېرىق توپىنى قايتا تىندۇرۇپ، ئوت- چۆپ ئۇرۇقى چېچىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىكەن.

 فۇكاڭ شەھىرى دىڭجياۋەن كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش كۆلىمى لۈساۋگوۋنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن ئاشىدۇ، 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئوت رايونى نەق مەيدانى ئاپئاق قارغا پۈركەنگەن بولۇپ، 60- 70 قېزىش ماشىنىسى، كان يۈك ئاپتوموبىلى ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى، ئۇلار ئايرىغان توپىنى ياندىكى خىلۋەت تاغقا توشۇپ، ئوت رايونىنى تۈزەش تاماملانغاندىن كېيىن، ئاندىن قايتا توشۇپ كېلىپ تىندۇراتتى، بۇ قارىماققا «يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى»گە ئوخشايتتى.

 دىڭجياۋەن كۆمۈرلۈك ئوت رايونىدا ئۈچ تارماق ئوت رايونى بار، قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى قىلىنىۋاتقىنى 1- نومۇرلۇق ئوت رايونى بولۇپ، 2- نومۇرلۇق ئوت رايونىغا سۇ كىرگۈزۈپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىن سېرىق توپا يېپىلىپ بولۇنغانىدى.

 2- نومۇرلۇق ئوت رايونىدىكى كۆيۈۋاتقان ئوت كۆلىمى ۋاسكېتبول مەيدانىچىلىك چوڭلۇقتا بولۇپ، تېمپراتۇرىسى 347 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ. كۆيۈۋاتقان ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئىشچىلار سىگۇڭخې دەرياسىدىن ئوت رايونىغا سۇ باشلاپ، سۇ ساقلاش كۆلچىكىگە قۇيۇپ، يۇقىرى بېسىملىق پومپا ئارقىلىق سۇنى تۇرۇبىغا كىرگۈزۈپ، ئوت مەنبەسى گەۋدىسىگە سۇ كىرگۈزۈپ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلەتتى، تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەنلىگەندە، ئاندىن بۇرغىلاپ لاي قۇيۇپ، يەر ئاستىدىكى قېزىپ بولۇنغان رايوننى تولدۇردى.

 شىنجاڭ باي تيەنچېن كانچىلىق چەكلىك شىركىتى 2023- يىلى 11- ئايدىلا ئوت ئۆچۈرۈشنى باشلىغان بولۇپ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تۈزەش ئارقىلىق، 10دىن ئارتۇق ئوت مەنبەسى گەۋدىسى قېزىلدى، ھازىر نەق مەيداندا يەنىلا 200- 300 كان يۈك ئاپتوموبىلى، قېزىش ماشىنىسى توپىنى ئايرىشنى تېزلەتمەكتە، 1000دىن ئارتۇق ئىشچى بۇنىڭغا قاتناشتى. «كان قۇدۇقى يەر ئاستى خاڭ يولىغا ئوت كېتىش سەۋەبلىك ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلغان، كۆيگىنىنىڭ ھەممىسى كوكس كۆمۈرى، بىر توننىسى 600- 700 يۈەن، كۆيۈپ كەتكىنىگە ئىچىم ئاغرىيدۇ» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى خۇ فاڭيى.

 تۈزەش بىلەن بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىشنى ماسلاشتۇرۇش

 كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈزەپ، بايلىق ۋە ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغدايدىغان، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خاراكتېرىگە ئىگە ئاممىۋى مەنپەئەت خاراكتېرىدىكى ئىش.

 ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، بىخەتەرلىكنى 1- ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشنى پائال، پۇختا قەدەم بىلەن تېزلەتتى.

 شىنجاڭ بويىچە 84 جايدىكى كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 12 مىليون 400 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئاساسلىقى سانجى ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قومۇل شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە «ئۈرۈمچى _ سانجى _ شىخەنزە» رايونىغا تارقالغان ئوت رايونى 27 جايدا بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 1 مىليون 530 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. دەسلەپكى مۆلچەرگە قارىغاندا، بۇ ئوت رايونلىرى ھەر يىلى قويۇپ بېرىدىغان تۈرلۈك بۇلغىما 37 مىڭ 800 توننا بولۇپ، بۇ رايوندىكى سانائەت، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ تۆتتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن.

 سانجى ئوبلاستى كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئوت رايونىنى تۈزەش بويىچە «ئىككى خەرىتە، بىر جەدۋەل، بىر قوللانما»نى تۈزۈپ، بېكىتىلگەن نىشان بويىچە جەڭ قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئوت رايونىنى تۈزەش ۋاقىت جەدۋىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەپتىدە بىر ئورۇنلاشتۇرۇپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئايدا بىر تەھلىل قىلىپ، مۇھاكىمە قىلدى. ھازىرغىچە، سانجى ئوبلاستى ئالتە جايدىكى ئوت رايونىنى تۈزەشنى تاماملىدى، توققۇز جايدا قۇرۇلۇشنى باشلىدى، قالغان 13 جايدىكى ئوت رايونىنى تەپسىلىي چارلاش دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سۈرئىتى تېزلىتىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 3- ئاينىڭ 15- كۈنى ھەممىسىدە مەيدانغا كىرىپ قۇرۇلۇش قىلىش شارائىتىنى ھازىرلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

 «ھازىر، شىنجاڭدىكى كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش نۇقتىلىق تۈزەشتىن سىستېمىلىق تۈزەشكە ئۆزگەرمەكتە.» شىنجاڭ ئېكولوگىيە- مۇھىت ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جاۋ جىگاڭ مۇنداق بىلدۈردى: كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىتىنى قوغداشتىكى نۇقتىلىق ساھە بولۇپ قالدى، بۇنىڭدىن كېيىن كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش بىلەن ئېكولوگىيە- مۇھىت سىستېمىسىنى قوغداشنى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش بىلەن بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىشنى ماسلاشتۇرۇپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

 ئوت رايونىنى تۈزەپلا قالماي، يەنە تۈزەپ بولۇنغان ئوت رايونىنى ياخشى كۆزىتىش- ئۆلچەش كېرەك، كۆزىتىش- ئۆلچەش، قوغداش جايىدا بولمىسا، «قايتا باش كۆتۈرۈش»ى مۇمكىن.

 شىنجاڭ 5- قېتىملىق كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە تولۇقلاپ چارلاش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 20- ئەسىرنىڭ 80-، 90- يىللىرىدا شىنجاڭدا 1700دىن ئارتۇق كىچىك كۆمۈر قۇدۇقى قۇرۇلغان. 21- ئەسىردىن كېيىن، تەرتىپسىز قېزىلغان كىچىك كۆمۈر قۇدۇقلار تەدرىجىي تاقالغان، بەزى كىچىك كۆمۈر قۇدۇقلىرىنىڭ قېزىپ بولۇنغان رايونى ئولتۇرۇشۇپ كېتىپ، يېرىق پەيدا بولۇپ، ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەش يولى ئېچىلىپ، ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كېتىش شارائىتى يارىتىلغان. ھازىر ساقلىنىپ قالغان كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنىڭ كۆپىنچىسى ئۈزۈل- كېسىل تاقالمىغان كىچىك كۆمۈر قۇدۇقلىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كېتىشى بولۇپ، ساۋاق چوڭقۇر.

 شۇڭا، بۇ نۆۋەتلىك ئوت رايونىنى تۈزەشتە ھەرقايسى قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلاردىن تۈزەش تاماملانغاندىن كېيىن بىر يىل كۆزىتىش- ئۆلچەش تەلەپ قىلىندى، كۆزىتىش- ئۆلچەش مەزگىلىدە، ئوت رايونىغا ئوت- چۆپ ئۇرۇقى چېچىپ ياكى ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەن ماسلاشقان، بىرلىككە كەلگەن دەل- دەرەخلەرنى تىكىپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

 دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ كۈرە كۆمۈرلۈكىدىكى ئوت رايونى ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن ئولتۇرۇشۇپ 400 مو سۇ يۈزى ھاسىل بولغان، ئوت رايونىنى تۈزەش تاماملانغاندىن كېيىن، سۇ يۈزىدە بېلىق بېقىلىپ، ئەتراپىغا جىغان قاتارلىقلار تېرىلىدۇ، ئۇنى يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى داكا قىلىدىغان جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانلاندى.

 سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ كېرەك بولۇپلا قالماي، بايلىقمۇ كېرەك. شىنجاڭ كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشتە ئېكولوگىيە، ئىقتىساد، خەلق تۇرمۇشى، بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت كۆپ خىل ئۈنۈمنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125