ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 1- ئاينىڭ 8- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ئاپتونوم رايوننىڭ قار- مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق قار- مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتقان.
«لايىھە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلغان: ئاممىۋى قار- مۇز پائالىيىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئاممىۋى قار- مۇز پەسلى، ئاممىۋى قار تېيىلىش، مۇز تېيىلىش ئۆلچىمىگە يېتىش سىنىقى قاتارلىق پائالىيەتلەر سىجىل قانات يايدۇرۇلىدۇ. ھەرقايسى جايلارنىڭ خاسلىقى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، قار- مۇز مارافونى، قارلىق دالا پۇتبولى، قارلىق دالا ئات بەيگىسى، مۇز ئۈستى يەلكەنلىك كېمىسى، قار- مۇز كاتتا مەرىكىسى قاتارلىق قار- مۇز ئىستىراھەت مۇسابىقە پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاممىۋى قار- مۇز مۇسابىقىسى داڭلىق ماركىسى يارىتىلىدۇ. «مۇسابىقە پائالىيەتلىرىگە ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» پائالىيىتى سىجىل قانات يايدۇرۇلۇپ، قار- مۇز مۇسابىقىلىرىنى مەنزىرە رايونلىرىغا، كوچا رايونىغا، سودا چەمبىرىكىگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ. ھەر يىلى قانات يايدۇرۇلىدىغان تۈرلۈك ئاممىۋى خاراكتېرلىك قار- مۇز مۇسابىقە پائالىيىتى 200 تۈردىن كەم بولمايدۇ.