سېخىيلىق بىلەن نان ئاپىرىپ ياردەم بەردى، جاپا- مۇشەققەتتە بىللە بولدى
11:28:39 2025-01-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 بىر خىل كۈچ بار، ئۇ بولسىمۇ سېخىيلىق بىلەن نان ئاپىرىپ ياردەم بېرىش، بىر خىل ئىللىقلىق بار، ئۇ بولسىمۇ جاپا- مۇشەققەتتە بىللە بولۇش.

 شىزاڭ رېكازې شەھىرىنىڭ دىڭرى ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئىلىدىن بېرىپ لاسادا ئاشخانا ئېچىۋاتقان يىگىت 10 مىڭدىن ئارتۇق نان ۋە 60تىن ئارتۇق قوي ئىئانە قىلدى ھەم يەر تەۋرىگەن رايوندا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ھەقسىز پولۇ ئېتىپ بەردى. بۇ ھەرىكەت بىر ئاددىي شىنجاڭلىقنىڭ جەمئىيەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى نامايان قىلىپلا قالماي، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ «بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىش» ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى تېخىمۇ جانلىق ئىزاھلاپ بەردى.

 سېخىيلىق بىلەن نان ئاپىرىپ ياردەم بېرىش ئەڭ ئاددىي- ساددا شىنجاڭ مېھىر- مۇھەببىتى. شىنجاڭنىڭ خاس مەززىلىك يېمەكلىكى بولغان نانغا قويۇق يەرلىك مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش تۈسى مۇجەسسەملەنگەن. سېخىيلىق بىلەن نان ئاپىرىپ ياردەم بەرگەن شىنجاڭلىق يىگىت لاسادا ئاشخانا ئاچىدۇ، 15 يىللىق ئورتاق ياشاش، ئورتاق ئىشلەش ئارقىلىق، ئۇ شۇ جايدىكى كىشىلەر بىلەن قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلدى. ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن يۇرتىنىڭ پۇرىقى ۋە قېرىنداشلىق مېھرى سىڭگەن بۇ ماددىي ئەشيالارنى ئاپەت رايونىغا يەتكۈزۈپ، ئىككىنچى يۇرتىدىكى تۇغقانلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشكە ئاتلاندى.

 جاپا- مۇشەققەتتە بىللە بولۇش ئەڭ قىممەتلىك قىممەت ئىنتىلىشى. يىگىت كېچىلەپ يەر تەۋرىگەن رايونغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇ ئېلىپ بارغان نان ۋە قوي ھەمدە ئۇ نەق مەيداندا ئەتكەن گۆشلۈك پولۇ يېمەكلىك بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى بىر خىل كۈچ ۋە ئېتىقاد، مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسەكمۇ بىز قان- قېرىنداش، تەقدىرداش، بىز ھەممىمىز ئىتتىپاقلىشىپ قول تۇتۇشۇپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتەلەيمىز. يىگىتنىڭ ياخشى ئىشلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئاممىغا زور ئىلھام بېرىپلا قالماي، يەنە ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان رايون ئارىسىدىكى چوڭقۇر مۇھەببەتنى، يۇغۇرۇلۇشنى نامايان قىلدى.

 شىنجاڭ بىلەن شىزاڭنى تاغ- دەريالار ئايرىپ تۇرسىمۇ، لېكىن مېھىر- مۇھەببەتنىڭ چېكى يوق. شىنجاڭ ئوغلانلىرى شىنجاڭلىقلارنىڭ مەردلىكى ۋە ئىپتىخارلىقى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا قان بىلەن گۆشتەك قېرىنداشلىق رىشتىنى ئورناتتى. ئۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق بارلىق كىشىلەرگە ئاپەت ئالدىدا رايون چېكى بولمايدىغانلىقىنى، ھەممە ئادەمنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، تۇغقانلىرى ئاپەتكە ئۇچراپ قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، باشقا ئائىلە ئەزالىرى قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشكە ئاتلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گېنىغا ئويۇلغان چوڭقۇر ھېسسىيات بولۇپ، مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.

 ئىشىنىمىزكى، شىنجاڭلىق يىگىتنىڭ ياخشى ئىشلىرى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆز ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ مەيدان يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە كۈچ قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مەدەت بېرىشى بىلەن، دىڭرى ناھىيەسى چوقۇم ئاپەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدۇ.

 دىڭرى، غەيرەت قىل!

 («جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125