​شىنجاڭدىكى «ئوت- چۆپ، دەل- دەرەخ» غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
12:32:51 2025-01-13 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 1- ئاينىڭ 11- كۈنى ئەتىگەندە، «تۈكلۈك قۇرت» شەكلىدىكى توڭلاتقۇ چاپلىقى، كىچىكلىتىلگەن مەنزىرە، تەقلىدىي نۇسخا چۈشۈرۈلگەن شارپا... قارىماققا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇ بېزەك ۋە ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىدەك كۆرۈنىدىغان بۇ نەرسىلەر ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى جىشىن كىتاب شەھەرچىسىگە توپلاندى.

 ئۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدا ئۆسىدىغان ئوت- چۆپ، دەل- دەرەخ بولغاچقا، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭدىكى ئوت- چۆپ، دەل- دەرەختىن ياسالغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى.

 كىشىلەر دائىم ھەممە مەۋجۇداتتا روھ بولىدۇ، ئۆسۈملۈكلەر ئىنسانلارغا ئوخشاش سۆزلىيەلمەيدۇ، كىشىلەرنىڭ ئىزدىنىشىگە، قېزىشىغا ھەمدە ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئىپادىلىشىگە توغرا كېلىدۇ، دېيىشىدۇ.

 «تۈكلۈك قۇرت» ۋە ئۇنىڭ «ئۇرۇقداش»لىرى شىنجاڭدىكى شيالى، تىيانشان شەمشادى، قىزىل قوۋزاقلىق قارىغاي قاتارلىق 60 نەچچە خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ۋە يوپۇرمىقىدىن ياسالغان بولۇپ، ئۇلار چىچۈشەنيې تەبىئەت تەربىيەسى مەركىزىنىڭ مەسئۇلى شېن شاشانىڭ ئىجادىيىتى.

 ئەگەر «تۈكلۈك قۇرت» گەپ قىلالىسا، ئۇ بەلكىم ئۆزىنى مۇنداق تونۇشتۇرۇشى مۇمكىن: «نۇرغۇن كىشى مېنى قارىغاي ئۇرۇقىدىن ياسالغان دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە مەن شەمشاد غوزىسىدىن ياسالغان، ئۈرۈمچى نەنسەندىن كەلدىم».

 ھەر يىلى ئەتىياز، ياز، كۈزدىن ئىبارەت ئۈچ پەسىلدە شېن شاشا ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ ئوت- چۆپ، دەل- دەرەخ ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇلاردىن ھالقا، توڭلاتقۇ چاپلىقى، ئۆيگە تىزىپ قويۇلىدىغان بېزەك بۇيۇملىرىنى ياسايدۇ. بۇ زىننەت ۋە بېزەك بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى بەش يۈەندىن 19 يۈەنگىچە.

 شېن شاشا مۇنداق دېدى: «بىز تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ بۇ ئوت- چۆپ، دەل- دەرەخنىڭ ئۆسۈش مۇھىتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

 سولياۋ قاپنىڭ ئىچىگە كېۋەز، قېرىقىز، شياڭگۇلاردىن ئورمان مودېلى ياسالدى، رەڭلىك چىراغلار بىلەن زىننەتلەنگەن بۇ بېزەك بۇيۇمى كىشىگە ئىللىق ۋە رومانتىك كۆرۈنەتتى.

 شېن شاشا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ بايلىقى مول، ئوت- چۆپ، دەل- دەرەخلىرىمۇ كۆپ خىل. مەن ۋە كوللېكتىپىمىز دائىم ئوقۇغۇچىلار ۋە ساياھەتچىلەرنى باشلاپ تىيانشان تېغىغا بېرىپ، تەبىئەت ۋە ئىلىم- پەن تەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاممىنى ئۆسۈملۈكلەرنى تونۇشقا، ئۆسۈملۈكلەرگە يېقىنلىشىشقا، ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسراشقا يېتەكلەيمىز».

 ئۆسۈملۈك نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن شارپا ۋە ئۇنىڭ «كىچىك ئاچا- سىڭىللىرى» قوشۇنى ئەڭ چوڭ بولۇپ، رەڭلىرى ھەر خىل، نۇسخىلىرى كۆپ، چۈشۈرۈلگەن نەقىشلەر راستتەك تۇيغۇ بېرىدۇ، قولغا يۇمشاق ئۇرۇلىدۇ.

 ئۆسۈملۈكنىڭ نۇسخىسىنى ئېلىش يەنە ئۆسۈملۈكنىڭ شەكلىنى چۈشۈرۈش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى.

 «كۆپچىلىك مېنىڭ قايسى ئۆسۈملۈكتىن ياسالغانلىقىمنى پەرەز قىلىپ بېقىڭلار؟» قەھۋە رەڭلىك شارپا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇ گەپ قىلالىسا، كۆرگۈچىلەرگە ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن نۇسخىلاردىكى ئوخشىمىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرلىرىنى پەرەز قىلدۇرغان بولاتتى.

 كۆرگۈچىلەر «سۈرەتكە قاراپ يوپۇرماقنى تونۇش» پائالىيىتىگە قاتناشتى، كۈمۈش ئۆرۈك يوپۇرمىقى، ئۈجمە دەرىخى يوپۇرمىقى، تۇخۇمەك دەرىخى يوپۇرمىقى، بېدە، چاققاق ئوت... كۆپچىلىك پەقەت شارپىنىڭ تەگلىك رەڭگىنىڭ قانداق ئۆسۈملۈكتىن پايدىلىنىپ بوياش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغانلىقىنى پەرەز قىلالمىدى.

 «بۇ شارپىنىڭ تەگلىك رەڭگى باش پىيازنىڭ پوستىنى خام ماتېرىيال قىلىپ بويالغان». شارپىنىڭ ئىگىسى جەي شياۋشى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان ئۆسۈملۈك بىلەن بوياپ نۇسخا چۈشۈرۈش ۋارىسى. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شارپىدىكى بارلىق نەقىشلەر تەبىئەتتىن ئېلىنغان بولۇپ، باش پىيازدىن ئىبارەت بۇ خام ماتېرىيال ئاشخانا ئەخلىتىدىن قايتا پايدىلىنىشتىن كەلگەن.

 جەي شياۋشى دائىم ئوت- چۆپ، دەل- دەرەخلەردىن نۇسخا ئېلىش ۋە بوياش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى تەتقىق قىلىپ، ئۆزى بايقىغان سىرلارنى ئاممىغا ئومۇملاشتۇرىدۇ.

 جەي شياۋشى شارپىلارنى يېنىك سىيلاپ مۇنداق تونۇشتۇردى: «ئۆسۈملۈك نۇسخىسى سوغۇق نۇسخا ئېلىش ۋە ئىسسىق نۇسخا ئېلىش، دەپ ئايرىلىدۇ. سوغۇق نۇسخا ئالغاندا، بولقا بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان شارپىنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان ئۆسۈملۈكنى يېنىك ئۇرغاندا، گۈل بەرگى ۋە يوپۇرماقنىڭ ئەسلىي شىرنىسى ئېقىپ چىقىدۇ، تەبىئەت پاختا رەختكە ئاستا- ئاستا رەسىم سىزىدۇ، مانا بۇ تەبىئەتتىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سېھرىي كۈچى» .

 غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىمۇ ھازىرقى زامان پەن- تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

 شىنجاڭ مالىيە − ئىقتىساد داشۆسى «ئارزۇغا ئىنتىلگۈچى ئىجادكارلار» دۆلەت دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپ ئەمەلىيىتى بازىسىدىكى ئىجادكارلار كوللېكتىپى − AI ۋە مەۋھۇم رېئاللىق خىزمەت ئىشخانىسى بىرقانچە VR كۆزئەينىكىنى تەييارلىغان بولۇپ، كۆزئەينەكنى تاقاپ 100 يىل ئىلگىرىكى ئۆسۈملۈكلەردىن بوياق ئېلىش مەنزىرىسىنى كۆرگىلى، ئۆسۈملۈكلەردىن بوياق ئېلىش تارىخىنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ.

 بىر گۈل، بىر يوپۇرماق، بىر دۇنيا، بىر ئوت- چۆپ، بىر دەرەخ، بىر ھاياتلىق، ئۆسۈملۈكنىڭمۇ جېنى بار، شۇنداقلا ھېكايىسىمۇ بار.

 ھەممەيلەن شىنجاڭنى ھەرقانداق ئادەم ئۆمرىدە چوقۇم كېلىدىغان جاي دېيىشىدۇ، قەغەز بوتقىسىدىن سىپتا مەنزىرە كۆرۈنۈشى ئويۇش بويىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسى لى گوچىڭ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى بىرلىكتە شىنجاڭنىڭ تۆت پەسىل مەنزىرىسىنى چوڭ تىپتىكى كىچىكلىتىلگەن مەنزىرە كۆرۈنۈشىگە سىڭدۈردى.

 بۇ كىچىكلىتىلگەن مەنزىرىسىدە «مايتاغ- كۇچا تاشيولى» تۇتاشتۇرۇلغان، چوققىسىدا قارلىق تاغ ۋە قار تېيىلىش يولى بار، يولدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىققانلارنىڭ ئاپتوموبىللىرى بار، يولنى بويلاپ ماڭغاندا، ئىككى تەرەپتىكى شەمشاد ئورمانلىقى ئۈستىدە قار- مۇزلۇق تاغ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ...

 لى گوچىڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئىشلەتكەن توغراق شېخى، قۇم- شېغىل، قوغىجاي قاتارلىق جابدۇقلارنىڭ ھەممىسى تەبىئەتتىن كەلگەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدا بار».

 شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئوت- چۆپ، دەل- دەرەخلەردىن ياسالغان توپلاشتا شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەتنىڭ مىراسلىرى مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىياتى ئىتتىپاقىنىڭ تەشەببۇس قىلغۇچىسى گاۋ شىڭ ئەڭ ئالدىراش بولدى.

 ئارغامچا توقۇش، مەخمەل گۈل قاتارلىق 12 تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەر- سەنئىتى ئارقىلىق پۈتكۈزۈلگەن 1000غا يېقىن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە بۇيۇمىنى گاۋ شىڭ پىششىق بىلىدۇ.

 گاۋ شىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ %70ى كۆرگەزمە ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان بولۇپ، قولدا ياسالغان، ساپ يېشىل بۇيۇملار. ئىلگىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشى تۇنجى بولۇپ شىنجاڭدىكى ئوت- چۆپ، دەل- دەرەخلەرنى ئويلىمايتتى، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە ئوت- چۆپ، دەل- دەرەخلەردىن ياسالغان شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باش تېما قىلىنىپ، كۆپچىلىككە ھەربىر كۆرگەزمە بۇيۇمى ئارقىلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرۋەنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئوي- پىكىرلىرىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مول يەر شەكلى، ئۆسۈملۈكلىرى ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىنى بىلدۈرۈش مەقسەت قىلىندى.

 بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىيات ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزدى، كۆرگەزمە بىر ئاي داۋاملىشىدۇ، بۇ مەزگىلدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى دەرسى، سالون قاتارلىق چۆكۈش شەكلىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

 «بىز تېخىمۇ كۆپ كىشىگە گۈزەل شىنجاڭنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرىمىز». گاۋ شىڭ ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرىنىڭ يەنە بىر يېڭى پىلانى − شىنجاڭنىڭ مۇزىكىسى، تاغلار، تاشلار، ئادىمىيەت، تۇرمۇش مەنزىرىسى قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىنى پىلانلاش ھەم شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىنى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا شەھەرلەر ۋە چەت ئەللەردە ئۆتكۈزۈش. (مۇخبىر تاڭ خۇڭمېي)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125