ئۈرۈمچى شەھىرىدە خەيخۇڭ باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى، خەيخۇڭ خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروتى پورتى ۋە خەيخۇڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مەركىزىدىكى 2000دىن ئارتۇق تىجارەتچى بايرامغا بىرلىكتە قاتنىشىپ، 20 مىڭ خىلدىن ئارتۇق تاۋار بار بىر بېكەت شەكلىدە سېتىۋېلىش سۇپىسى قۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىشىغا قولايلىق ياراتتى.
خەيخۇڭ باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمىدا «ئاز پۇل خەجلەپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش» باش تېما قىلىنىپ، «بىر تال مالنىمۇ توپ سېتىش باھاسىدا سېتىش»تەك سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېتىبارى يولغا قويۇلدى، بۇ بايرام 1- ئاينىڭ 27- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
1- ئاينىڭ 11- كۈنى شەنبە كۈنى بولغاچقا، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى بۇ يەرگە كېلىپ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، كالا، قوي گۆشى، خوگو يېمەكلىك ماتېرىياللىرى، ئىستىراھەت يېمەكلىكلىرى قاتارلىق باھار بايرىمىلىق ماللارنى تاللاپ سېتىۋالدى.
كالا گۆشى، قوي گۆشى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، قۇرۇق مېۋە، كەمپۈت، ھاراق قاتارلىقلار شىنجاڭلىقلارنىڭ باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىكلەر. ھازىر كالا، قوي گۆشىنىڭ باھاسى سەل تۆۋەنلىدى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرلىرى تېخىمۇ موللاشتى، قۇرۇق مېۋە، قەنت- گېزەك قاتارلىقلارنىڭ يېڭى تۈرلىرىمۇ كۆپەيدى.
خەيخۇڭ سوغۇق زەنجىرى ئۈرۈمچى دۆلەت تايانچ سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى بازىسىنىڭ يانداش تۈرى بولۇپ، سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتىغا تايىنىپ قۇرۇلغان خەيخۇڭ خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروتى پورتى ۋە خەيخۇڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مەركىزىدە 20 مىڭ خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى شەكىللەنگەن، كۈندىلىك ئامبار زاپىسى 200 مىڭ توننىغا يېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆي قۇشلىرى تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار %40.5نى، كالا گۆشى، قوي گۆشى %12نى، پېچىنە- پىرەنىك، ۋەنزى، يېرىم تەييار كۆكتاتلار %29.7نى، توڭلىتىلغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى %10نى، باشقا تۈردىكى مەھسۇلاتلار %7.8نى ئىگىلىگەن.
شىنجاڭ خەيخۇڭ ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شۈ لياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: باھار بايرىمىدىن بۇرۇن، خەيخۇڭ بازىرى بايلىقلارنى پائال بىرىكتۈرۈپ، ئاشلىق، ياغ، گۆش، كۆكتات، تۇخۇم قاتارلىق زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى زاپىسىنى تەييارلاپ، ماسلاشتۇرۇپ كېڭەيتىپ، بازاردىكى مال زاپىسى مىقدارى، كۈندىلىك سېتىلىش مىقدارىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ، مۇھىم تاۋارلارنىڭ باھار بايرىمىدا ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
بۇ يىل خەيخۇڭ خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروتى پورتى تەمىنلەش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، سوغۇق زەنجىرلىك ئامبار، ئەشيا ئوبوروتى- تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى قاتارلىق بازار يانداش ئۇل قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوغۇق زەنجىرلىك ئامباردا ساقلاش ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يىغىش- تارقىتىش، تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ. (مۇخبىر گو لىڭ)