باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى يولۇچى مىقدارىنىڭ 1 مىليون 400 مىڭ (قېتىم)دىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى ​
13:11:05 2025-01-13 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 2025- يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش 1- ئاينىڭ 14- كۈنى باشلىنىپ، 2- ئاينىڭ 22- كۈنى ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، 40 كۈن داۋاملىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ بازىرىغا 82 ئايروپىلان (قېتىم) توشۇش كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، شىنجاڭغا قاتنايدىغان 96 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنى پىلانلىدى، يولۇچى مىقدارىنىڭ 1 مىليون 400 مىڭ (قېتىم)دىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

 مۇخبىرنىڭ 1- ئاينىڭ 10- كۈنى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە يولۇچى ئېقىمىدا ئومۇمىي جەھەتتىن «ئومۇمىي مىقدارى ئېشىش، بايرامدىن ئىلگىرى مۇقىم بولۇش، بايرامدىن كېيىنگە مەركەزلىشىش»تەك ئالاھىدىلىك كۆرۈلىدىكەن، جەنۇب- شىمالدىكى قىزىق نۇقتىلىق بازارلارنىڭ ئايرىلىشى روشەن بولۇپ، تۇغقان يوقلاش، ساياھەت قىلىش ئېقىمى مەركەزلىشىپ، رايون، شەھەر ھالقىغان كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىش مىقدارىدا يېڭى رېكورت يارىتىلىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭغا كىرىپ- چىقىدىغان يولۇچىلار ئېقىمى باھار بايرىمىدىن بۇرۇنقى بىر ھەپتىنىڭ ھەپتە ئاخىرى (1- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 1- ئاينىڭ 26- كۈنىگىچە)دا، بايرامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى (2- ئاينىڭ 4- كۈنى)دە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدىكەن.

 بۇ يىل باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشتا، دۆلەت ئىچىدە سەپەرگە چىقىشتا «جەنۇبتىكىلەر شىمالغا مېڭىش، شىمالدىكىلەر جەنۇبقا مېڭىش، ئۆزئارا جاي ئالماشتۇرۇپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش» ۋەزىيىتى نامايان بولىدىكەن. يۇرتىغا قايتقان ساياھەتچى مەنبەسىنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچىدىن كۇنمىڭ، جېڭجوۋ، ۋۇخەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى نۇقتىلىق كۆپەيتىدىكەن.

 بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن كۇنمىڭغا بېرىپ كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر كۈنى بىر، ئىككى نۆۋەتچى ئايروپىلان، ئۈرۈمچىدىن جېڭجوۋغا بېرىپ كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر كۈنى يەتتە نۆۋەتچى ئايروپىلان، ئۈرۈمچىدىن ۋۇخەنگە بېرىپ كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر كۈنى تۆت، بەش نۆۋەتچى ئايروپىلان كۆپەيتىلىدىكەن.

 بۇنىڭدىن باشقا، قىزىق نۇقتىلىق ساياھەت بازارلىرىدا كەڭ گەۋدىلىك ئايروپىلاندا توشۇش كۈچى سېلىنمىسىنى مۇقىم ساقلايدىكەن، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ داشىڭ، شاڭخەي خۇڭچياۋ، گۇاڭجوۋ، سەنياغا بېرىپ كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە ھەر كۈنى كەڭ گەۋدىلىك تۆت ئايروپىلاننى ئىشقا سېلىپ، ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن.

 باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى «پەسىل قۇشلىرى»سىمان يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىغا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىكەن. ئۈرۈمچى- گۇيياڭ- سەنيا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچى- سەنيا قىلىپ ئۆزگەرتىدىكەن، ئۈرۈمچى- سەنيا لىنىيەسىدە كۈندە ئۈچ نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچىدىكەن.

 بۇنىڭدىن باشقا، خەيكوۋ بازىرىدا توشۇش كۈچى سېلىنمىسىنى ئاشۇرىدىكەن، ئۈرۈمچىدىن خەيكوۋغا بېرىپ كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر كۈنى بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان بىۋاسىتە ئۇچىدىكەن، ئۈرۈمچى- لەنجوۋ- خەيكوۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر كۈنى بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋە ئۈرۈمچى- گۇيياڭ- خەيكوۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر كۈنى بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچىدىكەن.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىمالىي شىنجاڭ قار- مۇز ساياھىتى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى سىجىل «زىچلاشتۇرۇپ»، «قار- مۇز ساياھىتى» ھەۋەسكارلىرىنىڭ سەپەر قىلىشىغا قولايلىق يارىتىدىكەن. بېيجىڭ داشىڭدىن ئالتايغا بېرىپ كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە كۈندە بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان، گۇاڭجوۋدىن ئالتايغا بېرىپ كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەپتىدە ئىككى نۆۋەتچى ئايروپىلان، ئۈرۈمچىدىن قاناسقا بېرىپ كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە كۈندە بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچىدىكەن، ئۈرۈمچىدىن ئالتايغا بېرىپ كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە كۈندە ئىككى، ئۈچ نۆۋەتچى ئايروپىلان، ئۈرۈمچىدىن كۆكتوقايغا بېرىپ كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەپتىدە ئۈچ نۆۋەتچى ئايروپىلان مۇقىم ئۇچىدىكەن.

 خەلقئارا جەھەتتە، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدا خەلقئارا ۋە رايون ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 15تە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنى پىلانلىغان، بۇ 12 دۆلەت ۋە رايونغا، ئايروپىلان ئۇچىدىغان 13 شەھەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، كۈندىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان سانى 11 قېتىمغا يېتىدىكەن. (مۇخبىر لى كەي، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇ لياڭ، گاۋ روبىن)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125