1- ئاينىڭ 11- كۈنى ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونى شىرېنزىگوۋغا جايلاشقان شىنجاڭ خۇڭشۇلىن خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى ئېچىلىپ، نۇرغۇن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى چاڭغا تېيىلىشقا جەلپ قىلدى. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لېي تىڭ فوتوسى)
1- ئاينىڭ 11- كۈنى ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونى شىرېنزىگوۋغا جايلاشقان شىنجاڭ خۇڭشۇلىن خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى قۇرۇلدى ھەمدە تىجارەت باشلىدى. شۇ كۈنى تەكشۈرۈلگەن بېلەتكە ئاساسلانغاندا، جەمئىي 1500 چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلغان.
ھازىر چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا يەككە تاختا باغچىسى، دەسلەپكى سەۋىيەلىكلەر چاڭغا تېيىلىدىغان ئىككى يول ۋە چاڭغا تېيىلىش چاقى يولىدىن ئۈچى ئېچىۋېتىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئوينىشى ئۈچۈن تەمىنلەندى.
ساياھەتچى خې زىشۈەن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە چاڭغا تېيىلغىلى كەلدى ھەمدە دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ يان تېلېفونىنى چىقىرىپ سۈرەتكە تارتىپ يوقلىما قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يەر شەھەر رايونىغا بەك يېقىن، تۆت ئەتراپىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ، مەنزىرىسى گۈزەل، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەسلەپكى سەۋىيەلىكلەر چاڭغا تېيىلىدىغان يول. ماڭا ئوخشاش چاڭغا تېيىلىشنى يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ چاڭغا تېيىلىشىغا بەك ماس كېلىدۇ».
ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونى گۇەنيۈەن يولىدا ئولتۇرۇشلۇق گاۋ كەي مۇنداق دېدى: «قىزىم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقتى، چاڭغا تېيىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ يەر ئۆيىمىزگە يېقىن، چاڭغا تېيىلىش مەيدانى كەڭ، ئەسلىھەلىرى ۋە تاختىلىرى يېڭى ئىكەن، شۇڭا قىزىمغا پەسىللىك كارتا بېجىرىپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتىمەن».
يەككە تاختا باغچىسىدا، ساياھەتچى باۋ جيەنلى يەتتە ياشلىق ئوغلىنى ئېلىپ تاغدىن سىيرىلىپ چۈشتى. «ئادەتتە بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە شىرېنزىگوۋغا كېلىپ سەيلە قىلىپ، دېھقانلارنىڭ تامىقىنى يەپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىمەن. يېڭى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئوغلۇم ئىككىمىز يەنە بىر كۆڭۈل ئېچىش تۈرىنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇق».
شىنجاڭ خۇڭشۇلىن خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىنىڭ كۆلىمى 3100 مو بولۇپ، A ۋە Bدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ رايوندىن تەركىب تاپقان. مەركەزلىك چاڭغا تېيىلىش رايونى بولغان A رايوندا چاڭغا تېيىلىش يوللىرى كۆپ بولۇپ، يېڭى ماھىرلارغا ماس كېلىدىغان دەسلەپكى سەۋىيەلىكلەر چاڭغا تېيىلىش يولىدىن يۇقىرى سەۋىيەلىكلەر چاڭغا تېيىلىدىغان يولغىچە ھەممىسى تولۇق. B رايوندا ئاساسلىقى كۆڭۈل ئېچىشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، چاڭغا تېيىلىش چاقى يولى، قارلىق موتوسىكلىت مەيدانى بار.
شىنجاڭ خۇڭشۇلىن ۋېيلەي مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە لىدىرى يۈ جېنجوۋ مۇنداق دېدى: «خۇڭشۇلىن خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى خۇڭشۇلىن ۋېيلەي شەھەر خەلقئارا ئىستىراھەت كەنتىنىڭ مۇقەددىمىسى، بۇ خەلقئارا ئىستىراھەت كەنتى ئېچىلغاندىن كېيىن سېلىنما سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەڭ ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، بىخەتەر، راھەت چاڭغا تېيىلىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، شىنجاڭ، ھەتتا مەملىكەت بويىچە داڭلىق قار- مۇز ساياھەت مەنزىلى بەرپا قىلىشقا تىرىشىمىز».
ئىگىلىنىشىچە، 2025- يىلى شىنجاڭ خۇڭشۇلىن ۋېيلەي مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى خۇڭشۇلىن ۋېيلەي شەھەر خەلقئارا ئىستىراھەت كەنتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا سودا مەركىزى، ۋېيلەي شەھەر خەلقئارا ساياھەت ئىستىراھەت كەنتى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك مەدەنىيىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئات مەدەنىيىتى بازىسى، خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى ۋە شۇيمو تىيانشان دۆلەت تاغقا چىقىش- بەدەن چېنىقتۇرۇش پىيادىلەر يولى قاتارلىق ئالتە چوڭ بۆلەك قۇرۇلۇشىنى تەدرىجىي تاماملايدىكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىمىگۇ رايونى دۆلەتنىڭ قار- مۇز تەنھەرىكىتى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە پائال ئاۋاز قوشۇپ، ئۆز جايىنىڭ مول قار- مۇز بايلىقىنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك قار- مۇز ساياھەت تۈرلىرى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقاردى.
شىمىگۇ رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ كې مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ خۇڭشۇلىن خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى كەڭ قار- مۇز ھەۋەسكارلىرىنى ئىنتايىن ياخشى تەنھەرىكەت ئىستىراھەت سورۇنى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە شىمىگۇ رايونىنىڭ قار- مۇز مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىدىغان، قار- مۇز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى. بۇنىڭدىن كېيىن ئىستىراھەت رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى بۇرۇنقىدەكلا قوللاپ، سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ساياھەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىستىراھەت رايونىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ياردەم بېرىپ، دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، خەلقئارادا داڭلىق قار- مۇز ساياھەت رايونى بەرپا قىلىمىز». (مۇخبىر ۋاڭ لېي)