ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشا كېچىلىكىنىڭ ھەقسىز بېلىتىگە ئېرىشكۈڭىز بارمۇ؟ تەلىيىڭىزنى سىناپ بېقىڭ
12:55:24 2025-01-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 داڭلىق ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ باھار بايرىمىلىق چوڭ تىپلىق ناخشا كېچىلىكى 1- ئاينىڭ 25- كۈنى(شەنبە) كەچ سائەت 9دا بىڭتۇەن 12- شى «1- ماي» يېڭى رايونى مەدەنىيەت- تەنتەربىيە مەركىزىدە (十二师五一新区文体中心) ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىمىز دوستلارنىڭ باھار بايرىمىنى مۇبارەكلەش ھەم ئۇزاقتىن بۇيان ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، ئالايىتەن بېلەت تالىشىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردۇق. 

 ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشا كېچىلىكىنىڭ 199 يۈەنلىك بېلىتىگە ھەقسىز ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى «开始抽奖» دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ پائالىيەتكە قاتنىشىڭ (چەك تارتىشقا قاتنىشىش ۋاقتى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 19غىچە). ھەقسىز سوۋغا قىلىنىدىغان بېلەتتىن پەقەت 10 تاللا بار. 

 مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق خەۋەر قىلىمىز. بېلەتنى شىنجاڭ سەنئەت ئورنى ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ نۆۋەتچىلىك ئىشخانىسىغا بېرىپ ئېلىۋالىسىز.

 مۇكاپات چىقمىغان بولسىمۇ مەيۈسلەنمەڭ، بېلەت سېتىۋېلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

 «غەربىي يۇرت ئاۋازى (西域之声)» بېلەت ئىشلىرى كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق بېلەت سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

 تور سىرتىدا بېلەت سېتىش ئورنى:

شىنجاڭ سەنئەت ئورنى تىياتىرخانىسى

 شىنجاڭ سەنئەت ئورنى تىياتىرخانىسى (دەرۋازا نۆۋەتچىلىك ئىشخانىسى)غا بېرىپ، تور سىرتىدا بېلەت سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، تور سىرتىدا بېلەت سېتىۋېلىش ۋاقتى: 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 1- ئاينىڭ 24- كۈنىگىچە، ئەتىگەن سائەت 10دىن كەچ سائەت 8گىچە. تور سىرتىدىكى 24 سائەتلىك بېلەت سېتىش تېلېفونى: 18196904515

 

بېلەت سېتىۋېلىش خەرىتىسى

 بۇ يەرنى چېكىڭ! شىنجاڭ سەنئەت ئورنى تىياتىرخانىسىغا يېتەكلەش ئۇلانمىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿地力江·阿力木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125