شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە قار- مۇز بايلىقى ئەڭ مول رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، مىڭ چاقىرىملىق مۇز بىلەن ئورالغان، تۈمەن چاقىرىم جايدا قار لەپىلدەپ تۇرغان سىياھ رەسىمدەك گۈزەل مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ قىشلىق ئادىمىيەت ساياھىتى ۋە تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر قېزىش، شىنجاڭنىڭ قار- مۇز ساياھىتى، قار- مۇز مەدەنىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، «چىراغلار چاقناپ، بارچە شەيئى شىنجاڭدا جۇلالاندى» تېمىسىدىكى قار- مۇز فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى ئالاھىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
«چىراغلار چاقناپ، بارچە شەيئى شىنجاڭدا جۇلالاندى» باش تېما قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى مەنزىرە گۈزەللىكى، مەدەنىيەت- ساياھەت قىزغىنلىقى، قار- مۇز تەنھەرىكىتى جۇشقۇنلۇقى ۋە خەلق ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىنىڭ جۇلالىنىشى قاتارلىق مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى ئومۇميۈزلۈك توپلىنىپ، قار- مۇز باش تېمىسىنى چىڭ كۆزلەش تەلەپ قىلىندى.