ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يۈنمېي) كۆرسىتىپ باقايلى، قايسى كەنتتىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئەڭ بەختلىك؟ 1- ئاينىڭ 10- كۈنى، «بىزنىڭ كەنتىمىزدىكىلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى» تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى توپلاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى، كەڭ يېزا- كەنت ئاھالىلىرى، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى ھەم جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلار كامېرا ئارقىلىق يېزا- كەنتلەردىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىشقا تەكلىپ قىلىندى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) ئاپتونوم رايوننىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى بىلەن بىرلىشىپ، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىغا تايىنىپ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى باشلىدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى يېڭى نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، نامايان قىلىپ، شىنجاڭ يېزا- كەنتلىرىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، ئۆرپ- ئادىتى، ئادىمىيەت ھېسسىياتىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن، ئىستېرېئولۇق نامايان قىلىپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ قىياپىتى، پۇقرالارنىڭ ھويلا- ئارانلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر، يېزا- كەنتلەردىكى ئۆزگىچە پائالىيەتلىرى ھەمدە ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، دوستانە ئۆتۈپ، ئورتاق كۈرەش قىلغان كۆرۈنۈشلىرى خاتىرىلەشتىن ئىبارەت.
تەلەپ بويىچە، ئەۋەتىلىدىغان ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبى ۋە ژانىرى چەكلەنمەيدۇ، بىر پارچە بولسىمۇ، گۇرۇپپا سۈرەت ( ئىككى پارچىدىن سەككىز پارچىگىچە) بولسىمۇ بولىدۇ، رەڭلىك بولسىمۇ، رەڭسىز بولسىمۇ بولىدۇ. مەزمۇنىدا باش تېما روشەن بولۇش، كىچىك ئىشلار ئارقىلىق چوڭ ئىشلارنى كۆرسىتىش، ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي بولۇش، مېغىزلىق سۆزلەش تەلەپ قىلىنىدۇ. سۈرەتكە تارتىش ئۈسكۈنىلىرى چەكلەنمەيدۇ، فوتو ئاپپارات، يان تېلېفون، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان ئەسەرلەر مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدۇ. ئەۋەتىلگەن ئەسەر چوقۇم ئەسلىي سۈرەت بولۇشى كېرەك، پەقەت JPG فورماتىدىكى سۈرەتلا قوبۇل قىلىنىدۇ، ھۆججەتنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى 3 مېگابايتتىن كىچىك بولماسلىقى كېرەك. ئەسلىي سانلىق مەلۇماتنى ئۆزگەرتىشكە، بىرىكتۈرۈش، قوشۇش قاتارلىق تېخنىكىلىق بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ.
مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار پەقەت يان تېلېفونىغا ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى چۈشۈرۈپ، باش بەتتە «بىزنىڭ كەنتىمىزدىكىلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى»(我们村的幸福生活) فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى توپلاش پائالىيىتى مەخسۇس تېمىسىغا كىرىپ، تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇپ، ئەسەرلىرىنى يوللىسا ھەم يازما ئىزاھات بەرسىلا بولىدۇ.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە تىزىملىتىش ۋاقتى 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 24كىچە بولىدۇ. شۇ چاغدا 70 مۇنەۋۋەر ئەسەر باھالاپ چىقىلىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاپتورلار گۇۋاھنامە ۋە 1000 يۈەن قىممىتىدىكى مۇكاپات بۇيۇمىغا ئېرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كوللېكتىپ قاتنىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، 10 مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتى باھالاپ چىقىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، تېخىمۇ زىچ ئۇچۇر كۆۋرۈكى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى يەنە ئانار بۇلۇت ئاساسىي قاتلام (يېزا- كەنت \ مەھەللە) ئىختىيارىي مۇخبىرلار قوشۇنى تەشكىللەپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق كەڭ كادىرلارنى شىنجاڭ يېزا- كەنتلىرىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ئورتاق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىپ، دۇنياغا شىنجاڭ يېزا- كەنتلىرىدىكى بەختلىك تۇرمۇش مەنزىرىسىنى ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىدۇ.
(بۇ يەرنى چېكىپ ئانار بۇلۇت ئاساسىي قاتلام ئىختىيارىي مۇخبىرلىقىغا تىزىملىتىڭ)
بۇ سۈرەتتىكى ئىككىلىك كودنى ساۋما قىلىپ، ياكى يان تېلېفونىڭىزنىڭ ئەپ بازىرىدىن «石榴云» دەپ ئىزدەپ، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى يان تېلېفونىڭىزغا قاچىلىۋېلىڭ
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)