كاتتا بايرامنى كۈتۈۋېلىپ ماھارىتىنى نامايان قىلىش ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەھەللىلەردە «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» قالتىس ئوينالدى
17:31:26 2025-01-15 تىيانشان تورى

 باھار بايرىمىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەھەللىلەر بەس- بەستە كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزدى، مەھەللىلەر خۇشال بايرام كەيپىياتىغا چۆمۈلدى. ناخشا- ئۇسسۇل، ئىتوت، شياڭشېڭ، سېرك ئويۇنى، يەنە چۇنليەن ۋە «福» خېتى يېزىش قاتارلىق ئېسىل نومۇرلار ئورۇنلانغان مەھەللە كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئاھالىلەرگە كۆرۈش- ئاڭلاش كاتتا زىياپىتى ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا ئاھالىلەرنى ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، ئاھالىلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى ھەم مەھەللىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئاشۇردى.

1- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى يامالىق تېغى كوچا باشقارمىسى نەنلياڭپو مەھەللىسى تەشكىللىگەن كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى نەق مەيدانىدا، ئاھالىلەر «ئەۋرىشىم توپنى سۆيىمەن» ناملىق ئۇسسۇلنى ئوينىماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى

1- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى يامالىق تېغى كوچا باشقارمىسى نەنلياڭپو مەھەللىسى تەشكىللىگەن كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى نەق مەيدانىدا، خەتتات دارېنلىرى نەق مەيداندا ئاھالىلەرگە چۇنليەن ۋە «福» خېتى يېزىپ بەرمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى

1- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) گاۋتيې كوچا باشقارمىسى شياڭشەن كوچىسى مەھەللىسى شياڭشەن خۇڭيې سەنئەت ئۆمىكى كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە نومۇر كۆرسەتمەكتە. رېن يۈنيۈن فوتوسى

1- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ۋاڭجياگوۋ كوچا باشقارمىسى بەييۈەن مەھەللىسى رايونلۇق شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى، قۇرۇلۇش ئىدارىسى خىزمەت ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزدى، ئاھالىلەر كېچىلىكتە ئەنئەنىۋى تىياتىر ئورۇنلىدى. شۈ ۋېي فوتوسى

1- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ۋاڭجياگۇ كوچا باشقارمىسى بەييۈەن مەھەللىسى رايونلۇق شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى، قۇرۇلۇش ئىدارىسى خىزمەت ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزدى، ئاھالىلەر ئېسىل مودېل مېڭىش ئويۇنى كۆرسەتتى. شۈ ۋېي فوتوسى

1- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى نەنخۇ جەنۇبىي يولى كوچا باشقارمىسى نەنخۇ جەنۇبىي يولى غەربىي مەھەللىسى لۈيۈەن مەھەللىسى، لاۋدۇڭجيې كوچىسى مەھەللىسى، نەنخۇ مەيدانى مەھەللىسى بىلەن بىرلىكتە «بىزنىڭ كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىمىز» مەھەللە ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزدى، ئاھالىلەر «پەرۋاز قىلىۋاتقان بۈركۈت» ناملىق ئۇسسۇلنى ئورۇندىدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شيۇڭشىن فوتوسى

 1- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى نەنخۇ جەنۇبىي يولى كوچا باشقارمىسى نەنخۇ جەنۇبىي يولى غەربىي مەھەللىسى لۈيۈەن مەھەللىسى، لاۋدۇڭجيې كوچىسى مەھەللىسى، نەنخۇ مەيدانى مەھەللىسى بىلەن بىرلىكتە «بىزنىڭ كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىمىز» مەھەللە ئەدەبىيات- سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزدى، ئاھالىلەر «بۈگۈن سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز، جۇڭگو» دېگەن ناخشىنى ئېيتماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شيۇڭشىن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125