«باھار بايرىمىدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش پائالىيىتى باشلاندى
10:47:37 2025-01-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ تىڭ) ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك بولۇش بويىچە تاۋلىنىپ ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، 1- ئاينىڭ 14- كۈنى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى)نىڭ «باھار بايرىمىدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش پائالىيىتى باشلاندى، پائالىيەت 2- ئاينىڭ 12- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

 2025- يىلى «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) ئىشەنچنى چىڭىتىش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىشنى چۆرىدەپ، «باھار بايرىمىدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى)نىڭ 100 نەپەر پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى، مۇھەررىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، دۆلەت دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، زىيارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا جۇشقۇن قۇۋۋەت بېغىشلىغانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايىلەرنى بايان قىلىدۇ؛ شىنجاڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش، تىيانشان غالىبىيەت تونېلى قاتارلىق چوڭ- چوڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، باھار بايرىمى مەزگىلىدە قۇرۇلۇش نەق مەيدانلىرىدىكى قىزغىن ھېكايىلەرنى بايان قىلىدۇ؛ جەنۇبىي- شىمالىي شىنجاڭدىكى چېگرا رايونلار، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە نۇقتىلىق يار- يۆلەك بولىدىغان ناھىيە قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، سەپەر شەكلىدە خەۋەر قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى جانلىق ھېكايىلەرنى بايان قىلىدۇ؛ قاتناش- تىرانسپورت ساھەسىدىكى خىزمەتچىلەر، تېببىي داۋالاش خىزمەتچىلىرى، چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىسىدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپى قاتارلىقلارنى چوڭقۇرلاپ زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ چوڭ ئائىلە ئۈچۈن كىچىك ئائىلىسىدىن ۋاز كېچىپ تۆھپە قوشقانلىق ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيدۇ؛ ھەرقايسى جايلاردىكى پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىنىڭ غەم- ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلغانلىقىنى چوڭقۇرلاپ زىيارەت قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزۈلگەنلىكىدەك ھارارەتلىك ھېكايىلەرنى بايان قىلىدۇ؛ تۆمۈريول، تاشيول، خەلق ئاۋىياتسىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھېس قىلىش شەكلىدە خەۋەر قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرىكەتچان جۇڭگونىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان ھېكايىلىرىنى بايان قىلىدۇ. ھەرقايسى جايلارنىڭ باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى مول، رەڭدار ئەنئەنىۋى ئۆرپ- ئادەت، باھار بايرىمىلىق ئۆرپ- ئادەت پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇرلاپ زىيارەت قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى تولىمۇ قىزىقارلىق، يېڭى كەيپىياتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مەدەنىيەت، تۇرمۇش ھېكايىلىرىنى بايان قىلىدۇ.

 شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) گېزىت، ژۇرنال، تور، تېرمىنال، ۋىيشىندىن ئىبارەت پۈتۈن تاراتقۇ سېپىنىڭ تارقىتىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى قۇۋۋەتكە گۇۋاھ بولۇش، يېڭى قۇرۇلۇشلارنى زىيارەت، تاغلىق يېزىدىكى يېڭى مەنزىرە، كۈرەش قىلغۇچىلارغا ھۆرمەت، ئونمىڭلىغان ئائىلىگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، مۇھەببەتكە تولغان باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش لىنىيەسى، جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت تۈسى قويۇق باھار بايرىمىدىن ئىبارەت يەتتە يۈرۈشلۈك خەۋەر قىلىشنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەيدۇ. شىنجاڭ گېزىتى، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، تىيانشان تورى، ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى قاتارلىقلار مۇھىم بەت، ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنىڭ باش ئېكرانى، تور بېكىتىنىڭ باش بېتىدە «باھار بايرىمىدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» مەخسۇس سەھىپىسىنى بىرتۇتاش تەسىس قىلىدۇ، 3- تەرەپ سۇپىسىدا «باھار بايرىمىدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» تېمىسى تەسىس قىلىدۇ، دىققىتىڭلاردا بولسۇن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125