يىن شىيۆ 1- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قولغا ئېلىندى
14:39:00 2025-01-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شۇ جاي ۋاقتى 1- ئاينىڭ 15- كۈنى، يىن شىيۆ خەلق ئاممىسىغا سۆز قىلماقتا.

باش ئىستانسا مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، كورېيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسى «شۇ جاي ۋاقتى 1- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 10دىن 33 مىنۇت ئۆتكەندە يىن شىيۆ قولغا ئېلىندى»، دېگەن.

بۇ، كورېيە تارىخىدا ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان زۇڭتۇڭنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىجرا قىلىنىشى.

قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كورېيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسى يىن شىيۆنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، پەقەت 48 سائەت توختىتىپ قويۇپ سوراق قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن جەزمەن توختىتىپ قويۇش بۇيرۇقىنى ئىلتىماس قىلىش- قىلماسلىقنى قارار قىلىدۇ، توختىتىپ قويۇش مۇددىتىنى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 20 كۈن ئۇزارتىدۇ، بولمىسا ئادەمنى قويۇپ بېرىدۇ.

شۇ كۈنى، كورېيەدىكى ھاكىمىيەت سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە − ئورتاق دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ داھىيسى پياۋ زەندا «يىن شىيۆنى قولغا ئېلىش ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تۇنجى قەدىمى»، دەپ بىلدۈردى.

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125