رەقەملەشتۈرۈش- ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇش
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن
تەدبىرلىك كىشى يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ.
كەلگۈسى كەسىپلەرنى پىلانلاشتا، شىنجاڭ ھېسابلاش كۈچى كەسپىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يېڭى مۇسابىقە يولىنى چىڭ تۇتۇپ، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلدى.
پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ياسىمىچىلىقنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2024- يىلى، شىنجاڭ ئالاقىدار سىياسەت- تەدبىرلەرنى ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە ئاساسىنى پۇختىلاپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات دولقۇنى كەينى- كەينىدىن كۆتۈرۈلدى، رەقەملىك تېخنىكا يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشتى.
ئۇلنى كۈچەيتىش
ھېسابلاش كۈچى تورى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش
ھېسابلاش كۈچى رەقەملىك ئىقتىساد دەۋرىدىكى يېڭىچە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، جەمئىيەتنىڭ رەقەملىشىش- ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش بويىچە تىپنى ئۆزگەرتىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. ئۇ يېزا ئىگىلىكى دەۋرىدىكى سۇچىلىق، سانائەت دەۋرىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئوخشاش، رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ يادرولۇق ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھەسىگە ئايلاندى.
2024- يىلى، شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىمىز. ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ، <ئون تور> قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىمىز.» بۇنىڭ ئىچىدە، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھېسابلاش كۈچى تورى «ئون تور»نىڭ بىرى.
بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ يېشىل ھېسابلاش كۈچى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا «كۆپ نۇقتىدىن گۈللىنىش» ۋەزىيىتى نامايان بولدى:
− كۈچلۈك ھېسابلاش كۈچى تىرىكىگە تايىنىپ، قاراماي نۆۋەتتە غەربىي شىمال رايونىدىكى يەككە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان كىنو- تېلېۋىزىيە، كارتون فىلىم تۈس بېرىش بازىسى قۇرۇپ، تۈس بېرىش نۇقتىسىدىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 مىڭنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى 3000دىن ئارتۇق كىنو- تېلېۋىزىيە ئەسىرىنىڭ مەيدان- كۆرۈنۈشلىرىگە تۈس بەردى.
− قومۇل شەھىرى مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن ھېسابلاش كۈچى تورى قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، چۇڭچىڭ، جېڭجوۋ قاتارلىق ئوتتۇرا غەربىي قىسىمدىكى شەھەرلەر بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ھېسابلاش كۈچى بايلىقىنىڭ تەرتىپلىك يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولدى. قومۇل (ئارا تۆرۈك) ئىلغار ھېسابلاش توپىنىڭ 1- قارارلىق تۈرى تورغا چىقىرىلىپ يۈرۈشتۈرۈلدى، 2- قارارلىق تۈرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
−7- نۆۋەتلىك رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشى باشلىقلار يىغىنىدا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى سەككىز تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى، ئومۇمىي سېلىنما 30 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولدى.
ھېسابلاش كۈچى كەسپىنى ئورۇنلاشتۇرۇش كەلگۈسىدىكى كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ھېسابلاش كۈچىنىڭ ئارقىسىدا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بار، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يېتەرلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرىدا توك باھاسى تۆۋەن، ھېسابلاش كۈچى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش گەۋدىلىك تەننەرخ ئەۋزەللىكىگە ئىگە. 2024- يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھېسابلاش كۈچى كارخانىلىرى بەس- بەستە شىنجاڭغا ماكانلاشتى. بولۇپمۇ AI چوڭ مودېلى يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش مەزگىلىگە كىردى، چوڭ مودېلنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى زورايدى، پارامېتىرلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، ھېسابلاش كۈچىگە بولغان ئېھتىياجمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاشتى. تەننەرخ ئەۋزەللىكىگە ئىگە شىنجاڭ تەبىئىيلا ئەقلىي ھېسابلاش مەركىزى قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى مېھىرلىك تۇپراققا ئايلاندى.
شىخەنزە شەھىرى يېشىل ھېسابلاش كۈچىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كارخانىلىرى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىغا «ھېسابلاش كۈچى بېلىتى» تارقىتىپ، يېشىل ھېسابلاش كۈچى كارخانىلىرىنىڭ يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كارخانىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش ۋە ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇشىغا مەدەت بەردى، توك ئىشلىتىش باھاسى شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىدىكى ئوخشاش توك بېسىمى دەرىجىسىدىكى ئابۇنىچىلار باھا سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولدى.
ھېسابلاش كۈچى جەملەپ ھېسابلاش، ئەقلىي ھېسابلاش ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ قۇرۇپ چىققان ئەقلىي ھېسابلاش كۆلىمى 10000Pدىن ئاشتى.
ھېسابلاش كۈچى بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى. 2024- يىلى 7- ئايدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ئېلان قىلغان «سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات مەخسۇس ھەرىكەت پىلانى»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2025- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ھېسابلاش كۈچى ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قوش يۆنىلىشلىك ماسلىشىش مېخانىزمى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلۈپ، دۆلەت تۈگۈن نۇقتىسىنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان سانلىق مەلۇمات مەركىزىدىكى يېشىل توكنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %80تىن ئاشىدۇ.
سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە، كورلا شەھىرى، قەشقەر شەھىرى قاتارلىق جايلار بىردەك يېشىل ھېسابلاش كۈچى كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2024- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى جەمئىي 104 مىليون 800 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، غەربىي قىسىم رايونىدىكى يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشقان تۇنجى ئۆلكە بولۇپ قالغان. جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى ھېسابلاش كۈچى تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالغان.
يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھېسابلاش كۈچى تورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش سۈرئىتى تېزلىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ھۆكۈمەت، رەقەملىك ئىقتىساد، رەقەملىك جەمئىيەت قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى پۇختىلاندى.
كەلگۈسىنى يارىتىش
شىنجاڭ رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلەتتى
رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئارقىلىق ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرگىلى، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرگىلى، كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت ئىسلاھاتىنى يېتەكلەش خاراكتېرلىك، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك، ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرلىك زور ئىسلاھات ئىش تۈرى سۈپىتىدە تۇتۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، «بىر ئىشىكتىن كىرىش»تىن «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم بېرىش»قىچە، «كۆرۈشمەسلىك»تىن «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش»كىچە ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى «ئۈچنى يۇغۇرۇش، بەشتىن ھالقىش»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش يېڭى باسقۇچىغا- قەدەم قويدى.
«رەقەم ئارقىلىق ئاممىغا قولايلىق يارىتىش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش ھەرىكىتى» پۇختا قانات يايدۇرۇلدى، 2024- يىلى ئاپتونوم رايون «يان تېلېفوندا بېجىرىش، يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش، كۆرۈشمەسلىك، باشقىلارغا يالۋۇرماسلىق»تىن ئىبارەت توپلاشقان ئىسلاھاتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، «شىنفۇبەن» «شىنچىبەن» ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى كۆچمە تېرمىنالىدا «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 1100دىن ئارتۇق «شىنجىجۇ» ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال ئۈسكۈنىسىنى قويۇپ، كارخانا بىلەن ئاممىنىڭ «بارماق ئارقىلىق بېجىرىش» «ئۆزى بېجىرىش» ئېھتىياجىنى قاندۇردى.
گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» بويىچە 2024- يىللىق 1- تۈركۈمدىكى تىزىملىكتە جەمئىي 13 نۇقتىلىق ئىش تۈرى بار بولۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار، تەربىيەلىنىش- مەكتەپكە كىرىش، پېنسىيەگە چىقىش، كارخانا ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىش، تىرانسپورت كارخانىسى قۇرۇش، ئىناۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون تارماق ھالقىغان ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى قايتىدىن تۈزۈپ، ئالدىنقى ۋە كېيىنكى ھالقىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» بويىچە 2024- يىللىق 1- تۈركۈمدىكى 13 نۇقتىلىق ئىش تۈرىنى ئومۇميۈزلۈك پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە، 13 نۇقتىلىق ئىش تۈرىدىكى بېجىرىش ھالقىسى، ماتېرىيال، ۋاقىت ۋە قاتراش قېتىم سانى بىردەك زور دەرىجىدە ئازىيىپ، ئۇنىۋېرسال ئوتتۇرىچە ئازىيىش نىسبىتى %70تىن ئېشىپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىنىڭ قولايلىقلىقى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، جەمئىي بېجىرىلگەن ئىش 110 مىڭدىن ئارتۇققا يەتتى.
«ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» ھۆكۈمەتنىڭ رەقەملەشتۈرۈش ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تۇتقا بولۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق ئىسلاھات تەدبىرى، شۇنداقلا يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىنىڭ يادرولۇق يۆنىلىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى.
ئاپتونوم رايونلۇق رەقەملەشتۈرۈش تەرەققىيات ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى كې جيەن مۇنداق بىلدۈردى: «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»نىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى قاتلامدىن تۈرتكە بولۇشىدىن بولدى، ھەرقايسى تارماقلار ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ تىرەك بولۇش ئىقتىدارى ۋە رەقەملەشتۈرۈش تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئۈنۈمىنى نامايان قىلدى.
«ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» بويىچە 2024- يىللىق تۇنجى تۈركۈمدىكى 13 نۇقتىلىق ئىش تۈرى ۋە يېڭى بىر تۈركۈمدىكى سەككىز نۇقتىلىق ئىش تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايون مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يەنە 20 تۈرلۈك «بىر ئىش» تۈرىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» مۇلازىمەت سېپىنى بەرپا قىلىپ، كارخانا، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.
رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ بىر ئۇچى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە تۇتىشىدۇ، بىر ئۇچى كارخانا ۋە ئاممىغا تۇتىشىدۇ. بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى مەركەزلىرى ئۇنىۋېرسال كۆزنەك ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «بىر كۆزنەكتە ئۇنىۋېرسال قوبۇل قىلىش، ئارقا سۇپىدا تۈرگە ئايرىپ بېجىرىش، كۆزنەكتە بىرتۇتاش كىنىشكا چىقىرىش» ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ «بىر ئىش ئۈچۈن كۆپ كۆزنەككە قاترىشى» «بىر كۆزنەكتە كۆپ ئىشنى بېجىرىش»كە ئۆزگەرتىلدى. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ جۈنلى مۇنداق تونۇشتۇردى: «بىر كۆزنەكتە بېجىرىش» ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، %90 تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىش تۈرى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى زالىدا بېجىرىلىدىغان بولدى، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىدە «بىر نومۇر ئېلىش، بىر كۆزنەككىلا بېرىش، بىر قاتار ئىشلارنى بېجىرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ھۆكۈمەت ئىشلىرى سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاش، ئورتاق بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇش تېزلىتىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىرونلۇق ئىجازەتنامە، كىنىشكا ئامبىرى سىجىل بېيىتىلدى، ئاپتونوم رايون يەنە ئىجازەتنامە، كىنىشكا سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاشنى تېزلىتىپ، ئېلېكتىرونلۇق ئىجازەتنامە، كىنىشكا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ قېلىپلىشىشى، ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ توپلاشتۇرۇلغان ئىش تۈرلىرى جەدۋىلىدە «ماتېرىيال ۋە ئۇچۇر تاپشۇرۇشنى كەچۈرۈم قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇردى؛ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايون يەنە «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بېجىرىش» «ۋەدە بېرىپ بېجىرىش» «بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشنى كەچۈرۈم قىلىش» «ياخشى، ئاسان بېجىرىش» «بىر تۈردىكى ئىشلارنى بىر جايدىلا بېجىرىش» قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمەت ئەندىزىسى قۇرۇلۇشىنى تەدرىجىي قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ تېخىمۇ ئىنچىكە، قېلىپلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەڭ زور چەكتە كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈپ، خەلققە قولايلىق يارىتىپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
ئەمەلىي قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش
رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ كۆپكۆك دېڭىزىدا تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى
1- ئاينىڭ 6- كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئېنېرگىيەسى شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار كۆمۈر ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى ئاقىل كونترول مەركىزىدە خىزمەتچى خادىمنىڭ كۇنۇپكىنى يېنىك بېسىشى بىلەن 500 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى كان قۇدۇقى ئاستىدا، پارچىلاش ماشىنىسى، يۆتكەش ماشىنىسى، ئالدى- كەينىگە سىيرىلىدىغان قىرغۇچ تاختا ماشىنىسى تەرتىپ بويىچە قوزغالدى. بىرئازدىن كېيىن، كۆز ئالدىدىكى چوڭ ئېكراننىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتى كۆرۈنۈشىدە كۆمۈر قېزىش ماشىنىسى كۆمۈر قېزىۋاتقان كۆرۈنۈش نامايان بولدى، كۆمۈرلەر سىيرىلما نورنى بويلاپ شارىلداپ چۈشۈشكە باشلىدى.
دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئېنېرگىيەسى شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار كۆمۈر ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى يېڭىدىن قۇرغان شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرلۈكى چوڭ قۇدۇق كان رايونى 2- نومۇرلۇق كۆمۈر كېنى 2024- يىلى 8- ئايدا دۆلەت دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۈلگە كۆرسىتىدىغان كان قۇدۇقى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتكەن بولۇپ، شىنجاڭدىكى رەقەملىك تېخنىكا ئارقىلىق كۆمۈر كانلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كۈچ قوشقان ۋەكىللىك كۆمۈر كانلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. 5G، نەرسە تورى، بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىق رەقەملىك تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى كۆمۈر كانلار ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى، 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە نورمال ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 66 كۆمۈر كاننىڭ 29ى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتۈپ، رەقەملىشىش- ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش بويىچە تىپ ئۆزگەرتىش تېز ئالغا سىلجىتىلدى.
كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى كۆمۈر كان ئىشلەپچىقىرىشىدا «ئادەمنى ئازايتىش، بىخەتەرلىكنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش» رولىنى ئويناپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېز قويۇپ بېرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024- يىلى 1- ئايدىن 11- ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 477 مىليون 368 مىڭ توننىغا يېتىپ، 2023- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %19.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇرغان.
شۇنداق بولۇپلا قالماي، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، نېفىت- تەبىئىي گاز پىششىقلاش، سودا ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلىرىگە رەقەملىك تېخنىكا كەڭ كۆلەمدە سىڭىپ كىردى، بولۇپمۇ تېز قۇرۇلۇۋاتقان «ئون چوڭ كەسىپ توپى»دا رەقەملىشىش- ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش بويىچە تىپ ئۆزگەرتىش تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.
ھازىر، رەقەم تېخنىكىسى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد قۇرۇلمىسى ۋە جەمئىيەت ھالىتىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن سۈرئەتتە ئۆزگەرتمەكتە. شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى رەقەملىك دېھقانچىلىق مەيدانىدا، بىر ئادەمنىڭ 5000 مو يەرگە كېۋەز تېرىشى رېئاللىققا ئايلاندى؛ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە، نۇرغۇن كارخانا خىزمەتچىلىرى ماشىنا ئادەم بىلەن «خىزمەتداش» بولۇپ قالدى؛ مۇلازىمەت ساھەسىدە ساۋما قىلىپ چىقىم قىلىش، توردىن مال سېتىۋېلىش قاتارلىقلار تۇرمۇشتىكى نورمال ھالەتكە ئايلاندى.
2024- يىلى 9- ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق رەقەملەشتۈرۈش تەرەققىيات ئىدارىسى قاتارلىق 17 تارماق بىرلىشىپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىلى× > ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2024- يىلىدىن 2026- يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقاتتى، دىققەتنى سانائەت ياسىمىچىلىقى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، سودا ئوبوروتى، قاتناش- تىرانسپورت، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق 12 ساھەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىلى قىممىتى ياراتقان يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
سانلىق مەلۇماتنىڭ قىممىتى قوللىنىشتا، قوللىنىشنىڭ ئاچقۇچى قوللىنىش ھالىتىدە. دۆلەت سانلىق مەلۇمات ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق رەقەملەشتۈرۈش تەرەققىيات ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار 2024- يىللىق «سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىلى ×» مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ تارماق مۇسابىقىسىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزۈپ، مۇسابىقە ئارقىلىق بىر تۈركۈم تىپىك ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتى ۋە تىپىك ئەمەلىي قوللىنىش مىسالىنى قېزىپ، كۆپەيتىپ، پاراللېل يۆتكەپ، كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ زور سانلىق مەلۇمات ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.
رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ كۆپكۆك دېڭىزىنى قېزىشتا، شىنجاڭ يەنە غەربكە ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە. جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى لۇ جۈن مۇنداق بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك يىپەك يولىنى ئورتاق بەرپا قىلىشتا شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023- يىلى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد كۆلىمى 532 مىليارد 203 مىليون يۈەنگە يېتىپ، GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %28.87 بولغان.
تايىنىشقا تېگىشلىكى ۋەزىيەت، قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغىنى پۇرسەت. رەقەملىك كۆپكۆك دېڭىزدا يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، شىنجاڭ زور نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)