ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سى لۇلۇ
«مېنىڭ يۇرتۇم شىنجاڭدا، يۇرتۇم يېزا ئىگىلىكىنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتى ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرەلىسەم، بۇ تۇپراقنىڭ مېنى يېتىشتۈرگەن ئەجرىنى يەردە قويمىغان بولىمەن»، دېدى 1- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، تارىم داشۆ باغۋەنچىلىك ۋە ئورمانچىلىق شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ رۇي.
جاڭ رۇي ئۇزاقتىن بۇيان ياڭاقنى تەتقىق قىلىش- ئېچىش، كېڭەيتىش كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، نەتىجىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، دېھقان تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ باغ- ئورمانچىلىق كەسپىگە مۇلازىمەت قىلىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ئارقىلىق يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
2010- يىلى، جاڭ رۇي خۇاجۇڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىدە دوكتورلۇقنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئانا مەكتىپى تارىم داشۆگە قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. جاڭ رۇي 14 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، كۆڭۈل قويۇپ دەرس ئۆتۈپ، ئادەم تەربىيەلىدى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر، ئاممىغا چىن مۇھەببىتى بىلەن مۇلازىمەت قىلدى.
جاڭ رۇي ئىلگىرى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ياڭاق ئورمانچىلىق مەيدانىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، زىيارەت قىلىش جەريانىدا بەزى باغۋەنلەرنىڭ ياڭاقنى ئوغۇتلاش تېخنىكىسىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، زىيادە ئوغۇتلاش سەۋەبىدىن ياڭاقنىڭ يېرىلىپ كېتىش مەسىلىسىنىڭ ئېغىر بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىدى. جاڭ رۇي ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق پەن تەتقىقات ئاساسىغا تايىنىپ، قاراقاش ناھىيەسىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا ئوغۇتلاش ئىلمى تەجرىبىسى ئىشلىدى. بىر كىلوگىرام ئوغۇت بېرىلگەن ياڭاق دەرىخىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟ ئۈچ كىلوگىرام ئوغۇت بېرىلسە قانداق بولىدۇ؟ بىر يىل تەجرىبە قىلغاندىن كېيىن بىر يۈرۈش مۇكەممەل سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلەپ، ئاندىن سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، جاڭ رۇي ئاخىر ياڭاق دەرىخىنى ئوغۇتلاش ئۆلچىمىنى تېپىپ چىقتى.
جاڭ رۇي سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە ئوزۇقلۇققا دىياگنوز قويۇش قىممىتىنى بەرپا قىلىپ، دەل جايىدا دىياگنوز قويۇش تەپەككۇرى ئارقىلىق زامانىۋى ياڭاق ئىشلەپچىقىرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل بازىرىدا باغ- ئورماننى رەقەملەشتۈرۈش- ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش بويىچە زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىنى قۇردى. 2022- يىلى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق جايلار ئوزۇقلۇققا دىياگنوز قويۇش قاتارلىق تەجرىبە نەتىجىلىرىنى قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ ئوغۇت ماتېرىيالى سېلىنمىسىنى %30كە يېقىن تۆۋەنلىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېلىنمىسىنى زور دەرىجىدە ئازايتتى.
2021- يىلىدىن بۇيان، جاڭ رۇي ياڭاق تەتقىق قىلىش- ئېچىش كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ ئونسۇ دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا باغچە رايونىدا تەسىس قىلىنغان ئونسۇ ياڭاق پەن- تېخنىكا ھويلىسىغا قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت- كەسىپ- مەكتەپ- پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئىشلەتكۈچىلەر سۇپىسى قۇرۇش ئارقىلىق، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ياڭاق كەسپى ئىقتىسادىغا مۇلازىمەت قىلىپ، كەسىپ تەرەققىياتى ۋە دېھقانلارنىڭ ئىلمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.
جاڭ رۇي يەنە ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تېخنىكا كېڭەيتىش مۇلازىمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، «پەن- تېخنىكا خاس ۋەكىلى يار- يۆلەك بولۇش ھەرىكىتى + ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنى + دېھقان تېخنىك»تىن ئىبارەت كېڭەيتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش بويىچە زامانىۋى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باغچە (رايون)دىن 3465 مو بەرپا قىلىپ، جەمئىي 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم تەربىيەلىدى.
بۇ يىل، جاڭ رۇي يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسى بويىچە ياڭاق ئۆستۈرۈش جەھەتتە سورت يېتىشتۈرۈپ يېڭىلىق يارىتىش، ئەلا سورتلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەكلىپلەرنى تەييارلاپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنىڭ 10 يىلدىن 15 يىلغىچە بولغان كەمتۈكلۈكلەر توغرىسىدا ئاساس تەتقىقاتى ھەم تېخنىكا تەتقىق قىلىش- ئېچىشقا دائىر ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قوللاش پىلانىنى تۈزۈپ، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەتقىقات تېخنىكا كوللېكتىپى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، كەلگۈسى پەن ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا ئىگىلىكى بويىچە يۇقىرى قاتلاملىق يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن- تېخنىكا ئالدىنقى سېپى بىلىملىرىنى ھازىرلىغان يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش تەكلىپىنى بەرمەكچى بولدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)