كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بىلەن كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەمەلىي قىممىتى ئوخشاشمۇ؟
11:50:58 2025-01-16 تىيانشان تورى

كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ۋە كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسىنىڭ 

ئەمەلىي قىممىتى ئوخشاشمۇ؟ 

بۇ ماقالە سىزگە دەپ بېرىدۇ

ماھارەتلىك خادىملارنىڭ كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى

 ماھارەتلىك خادىملارنىڭ كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى (ئالاھىدە مەشغۇلات گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، سولدىن ئوڭغا تەرتىپ بويىچە 5-دەرىجىلىك \ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىشچى كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى، 4- دەرىجىلىك \ ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىشچى كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسى، 3-دەرىجىلىك \ ئالىي دەرىجىلىك ئىشچى كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى، 2- دەرىجىلىك \ تېخنىك كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ۋە 1-دەرىجىلىك \ ئالىي تېخنىك كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، مۇقاۋىسىنىڭ رەڭگى ئوخشىمايدۇ. 

 ماھارەتلىك خادىملارنىڭ كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئاساسلىقى كەسپىي سالاھىيەت مۇندەرىجىسى بويىچە مۇناسىپ يولغا قويغان تارماق (ئورۇن) تەشكىللىگەن كەسپىي ماھارەتنى باھالاش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ. 

 ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى «دۆلەت كەسپىي سالاھىيەت مۇندەرىجىسى»دە، ماھارەتلىك خادىملارنىڭ كەسپىي سالاھىيىتىدىن 13 تۈر بار، مەسىلەن، كەپشەرچى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى خىزمەتچىسى، رېلىسلىق پويىز شوپۇرى. 

ماھارەتلىك خادىملارنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى باھالاش بويىچە

تىزىملىتىش شەرتى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى 

كۆپچىلىك كەسپىي سالاھىيەت مۇندەرىجىسىدىكى 

مۇناسىپ يولغا قويغان تارماق (ئورۇن) بىلەن ئالاقىلىشىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ 

كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى 

كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى پايدىلىنىش نۇسخىسى 

 كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشىش ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى تاللاپ ئەنگە ئالغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە جەمئىيەت تەربىيەلەشنى باھالاش تەشكىلاتى يولغا قويغان كەسپىي ماھارەت دەرىجىسىنى بېكىتىشتىن ئىبارەت. 

 كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى ئاساسلىقى «دۆلەتنىڭ كەسپىي سالاھىيەت مۇندەرىجىسى»دىكىدىن باشقا، جەمئىيەت ئۇنىۋېرساللىقى كۈچلۈك، تېخنىكا ماھارەت تەلىپى يۇقىرى بولغان كەسىپ (ئىش تۈرى) گە قارىتىلغان، مەسىلەن، جۇڭگوچە پېچىنە- پىرەنىك ئۇستىسى، يولۇچىلار ئاپتوموبىلى شوپۇرى. 

كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسىنى 

باھالاش ئاپپاراتى مۇستەقىل باسىدۇ ھەمدە تارقىتىدۇ 

ھۆكۈمەت تارماقلىرى نازارەت قىلىشقا قاتناشمايدۇ 

كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشمەكچى بولسا 

چوقۇم ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىغا 

ئەنگە ئالدۇرۇپ ئېلان قىلغان باھالاش ئاپپاراتىنى توغرا تونۇش كېرەك 

كۆپچىلىك

كەسپىي ماھارەت دەرىجىسىنى باھالاش ئاپپاراتىنىڭ ئېلان قىلىش، سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىغا كىرسە بولىدۇ 

(/http://pjjg.osta.org.cn) 

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىغا 

ئەنگە ئالدۇرغان باھالاش ئاپپاراتىنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى 

ساۋما قىلىپ تەكشۈرگىلى بولىدۇ

ئىككى گۇۋاھنامىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى جەدۋەلدىن كۆرۈپ چۈشەنگىلى بولىدۇ! 

 گۇۋاھنامە نامى،  قارىتىلغان خادىملار،  قارىتىلغان كەسىپ (ئىش تۈرى)، گۇۋاھنامە ئېلىش ئۇسۇلى، گۇۋاھنامىنى تارقاتقۇچى

 ماھارەتلىك خادىملارنىڭ كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى، ماھارەتلىك خادىملار، كەسپىي سالاھىيەت مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى ماھارەتلىك خادىملارنىڭ كەسپىي سالاھىيىتى، ماھارەت باھالاش، كەسپىي سالاھىيەتنى يولغا قويغان تارماق (ئورۇن) 

 كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى، ماھارەتلىك خادىملار، كەسپىي سالاھىيەت مۇندەرىجىسى سىرتىدىكى تېخنىك خادىملارنىڭ كەسىپ (ئىش تۈرى)، دەرىجىسىنى بېكىتىش، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن جەمئىيەت تەربىيەلەشنى باھالاش تەشكىلاتى (ئومۇملاشتۇرۇپ باھالاش ئاپپاراتى دەپ ئاتىلىدۇ) 

پەرقى خېلى كۆپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىممىتى ئوخشاشمۇ؟ 

ئەنسىرىمەڭ! گەرچە پەرق بولسىمۇ، 

لېكىن ئەمەلىي قىممىتى ئوخشاش 

ئىككى گۇۋاھنامە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش 

ئالاقىدار تەمىناتنى نەقلەشتۈرۈش جەھەتتە 

ئوخشاش كۈچكە ئىگە 

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125