ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندا ھەق قوشۇپ ئورۇن تاللايمىزمۇ؟ جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى بۇ توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى!
18:12:48 2025-01-15 تىيانشان تورى

 جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى 1- ئاينىڭ 13- كۈنى قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان ئاممىۋى پىكىر خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئايروپىلاندا ئورۇن تاللاشتا ئارتۇق ھەق ئېلىش مەسىلىسىگە قارىتا مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق ئاۋىياتسىيەسى «ھەق قوشۇپ ئورۇن تاللاش»نى «كەسىپىي ئادەت»كە ئايلاندۇرۇۋالماسلىقى كېرەك.

 يېقىندا، بەزى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئاتالمىش «كەسىپىي ئادەت»نى باھانە قىلىپ، ئورۇن تاللاشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي مۇلازىمەتكە ھەق قوشۇش مېخانىزمىنى كىرگۈزۈپ، دېرىزىگە يېقىن، كارىدورغا يېقىن ياكى ئالدىنقى رەت قاتارلىق ئورۇنلارنى قۇلۇپلىۋېلىپ، ئىستېمالچىلاردىن ئارتۇق ھەق تۆلەشنى تەلەپ قىلدى. بۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ نارازىلىقى ۋە گۇمانىنى قوزغىدى.

 جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇنداق ھەق قوشۇپ ئورۇن تاللىتىش قىلمىشى ئىستېمالچىلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگىمۇ زىيان يەتكۈزگەن. جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى مۇنداق دەپ قارىدى: «ھەق قوشۇپ ئورۇن تاللاش» ئىستېمالچىلارنىڭ تاللاش ھوقۇقىنى چەكلەپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئادىل سودىلىشىش پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلدى.

 جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ قارىشىچە، «ئاۋۋال بارغانلار ئاۋۋال ئېلىش» خەلق ئاۋىياتسىيە كەسپىدە ئىزچىل ئادەتكە ئايلانغان ئورۇن تاللاش قائىدىسى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى «ھەق قوشۇپ ئورۇن تاللاش»نى ۋاسىتە قىلىپ، «بىخەتەر ئۇچۇش»نى باھانە قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ تۆۋەن چېكىنى ئۈزلۈكسىز سىنىغان. بۇنداق ئۆز ئالدىغا ھەق قوشۇش قىلمىشى ئەگەر چەكلەنمىسە، پۈتكۈل ئىستېمال بازىرىنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يېتىدۇ، باشقا تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەردىمۇ مۇئەييەن شارائىتتا بېكىتىلگەن باھادىن باشقا ئەھۋالدا باھا قوشۇپ سېتىلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن ئادىل بولمىغان ئاتالمىش «كەسىپىي ئادەت»كە ئايلىنىپ، بازار تەرتىپىنى بۇزۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.

 باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش باشلاندى، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، كەسىپىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، تىجارەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش تەكلىپىنى بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125