شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ بۇ يىلقى ئۆلكىلەر ئارا سودىلاشقان يىللىق توك مىقدارى 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى
13:23:17 2025-01-16
شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى
ئۆلكىلەر ئارا يىللىق توك سودىسى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، يىللىق، ئايلىق، ئاي ئىچى بىرلەشكەن كۆپ دەۋرىيلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودىسى بىرىكمە ئەندىزىسىدە ئومۇمىي گەۋدىنى مۇقىملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ يىل شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئۆلكىلەر ئارا سودىلاشقان يىللىق توك مىقدارى 116 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇ يىللىق شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش خىزمىتىدە ئىشنى ياخشى باشلاش ئەمەلگە ئاشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر:
孜呼玛尔·阿不都卡德