يېقىندا، بەزى يولۇچىلار پويىزدا يان تېلېفونغا توك قاچىلىغاندا سېزىمچان ئېكراننىڭ كاردىن چىقىدىغانلىقى، ھەتتا توكلىغۇچنىڭ كۆيۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان. ئەمەلىيەتتە، بۇ ھەقىقەتەن يۈز بېرىشى مۇمكىن.
پويىزنىڭ توك قوبۇل قىلىش يايى ئېلېكتىر تورىدىن توك ئالغاندىن كېيىن، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان توكقا قارىغاندا بىر ئۆزگىرىشچان- تۇراقلىق توك ئالماشتۇرۇش باسقۇچى كۆپ بولىدۇ، بۇنىڭ پايدىسى شۇكى، يۈرۈش جەريانىدىكى توك بېسىمىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئېلېكتىر تورىغا بولغان تەسىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، لېكىن چىقىرىلغان توكقا يۇقىرى چاستوتىلىق ئىمپۇلس قوشۇمچە قىلىنىدۇ. يۇقىرى چاستوتىلىق ئىمپۇلىسلىق توك بىلەن يان تېلېفونغا توك قاچىلىغاندا، ئېكران مەشغۇلاتىنىڭ تۇراقسىز بولۇشى (يەنى ئېكران لەيلەش ھادىسىسى)نى، شۇنداقلا بەزى زاپچاسلارنىڭ ئاسانلا كونىراپ، كاشىلا كۆرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.