2025- يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىن پات ئارىدا ئېچىلىدۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ۋەزىپە- مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىشنىڭ ياخشى جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، فۇكاڭ شەھىرى سەنگۇڭ يېزىسى بەشقول مەركىزىي كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى گۇلىنا جاغپار بىر يىلدىن بۇيان ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاپ، ئاممىغا ھەقىقىي ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.