ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى
ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) شىنجاڭ ھەربىي رايونى 13- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى 1- ئاينىڭ 14- كۈنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي ياڭ چېڭ ھەربىي رايون پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن دوكلات بەردى. شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىلىڭيۈەن ليۇ لىن سۆز قىلدى.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتىيە كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش تەدبىرى ۋە ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇق بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم ئورۇن بېكىتمىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كەسپىي ئىقتىدارىنى سىجىل كۈچەيتىپ، يەرلىكنىڭ تەرەققىيات، قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى خەۋپسىزلىكىنى كۈچلۈك قوغدىدى. ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن، شىنجاڭدىكى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تاماملاش، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ ئاتلىنىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە مەسئۇلىيەت ئېغىر. نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش ۋە سىياسىي مەشىقنى كۈچەيتىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش روھىنى مەڭگۈ مۇستەھكەملەش كېرەك. ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كۈلپەت ئېڭى، كىرىزىس ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇش قىلىش تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش بويىچە ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي تەييارلىق كۆرۈپ، ھەقىقىي جەڭ بويىچە ئەمەلىي مەشىق قىلىپ، ھەقىقىي سىناق بويىچە ئەمەلىي تەربىيەلەپ، يېڭى سۈپەتلىك جەڭگىۋار كۈچ قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاممىۋى خاراكتېرلىك دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، سەپەرۋەرلىك سىستېمىسىنى كۈچلۈك قۇرۇش كېرەك. چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش بۇرچ- ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئادا قىلىپ، زوراۋان- تېررورچى ئۇنسۇرلارغا قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ، بالدۇر زەربە بېرىپ، كىچىكىدە زەربە بېرىپ، بىخ ھالىتىدە زەربە بېرىپ، نۇقتىلىق رايون، مۇھىم يوللارنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرانىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، چېگرادىكى شەھەر- بازار ۋە چېگراغا يېقىن يېڭى كەنت قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت قىلىش قابىلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، خەتەردىن- ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇشتا جەڭگىۋار قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىقنىڭ يېتەكلەش، قېلىپلاشتۇرۇش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، «قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى تەتبىقلاش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە ھەرىكەت قىلىش، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى قىسىمنىڭ ئاڭلىق قوللانمىسىغا ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن- بۇيرۇقنىڭ تاغدەك مۇستەھكەم، قانۇن ئىجراسىنىڭ تاغدەك مۇستەھكەم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن قىسىم ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، قىسىم بىلەن بىللە تۇرىدىغان ئائىلە تەۋەلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەربىيلەر پەرزەنتلىرى مەكتەپكە كىرىش قاتارلىق تۈرلۈك نەپىقە - ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى قوللايدىغان، ھەربىيلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى كەيپىياتنى زور كۈچ بىلەن يارىتىپ، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.
شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن ياڭ جۈن، لى گو، ليۇ يۇڭجەن، شۈ شياڭ، جياڭ شيۇشېڭ، لى ۋېن، جاۋ خەيفېي يىغىنغا قاتناشتى.