ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېلىپ جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
21:51:24 2025-01-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 1- ئاينىڭ 14- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېلىپ جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن چوڭقۇر دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى.        

 ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ: دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگە باغلىق، خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىنى ياشلاردىن باشلاش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ساۋاقداشلارنىڭ قىشلىق تەتىللىك دەم ئېلىش مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەتتە بولۇشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى جۇڭگو شىنجاڭنى تونۇشى ۋە چۈشىنىشى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا قاتارلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىمەن. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ كەڭ، گۈزەل زېمىنى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىناق ئۆتىدۇ، شەرق- غەرب مەدەنىيىتى يۇغۇرۇلۇپ توپلاشقان، كۆپ خىل دىن ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى باشتىن- ئاخىر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭغا دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى يۈكلەپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ بەردى، تارىخىي پۇرسەت يارىتىپ بەردى. شىنجاڭ تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، قەلبنى ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولغان، ئىقتىساد گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغان، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى سىجىل مۇستەھكەملىدى. ساۋاقداشلارنىڭ كۆپ قىسمى شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كەلگەن، بۇ قېتىم نەق مەيداندا زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق، ئىشىنىمىزكى شىنجاڭنىڭ گۈزەل، ئىناق، ئىتتىپاق، بەختلىك بولغان ھەقىقىي ئەھۋالىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايسىلەر، شۇنداقلا خەلقئارادىكى بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ جۇڭگو شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» «ئىرقىي يوقىتىش» مەۋجۇت دەپ بوھتان چاپلىغانلىقىنى، بۇنىڭ پۈتۈنلەي يالغان- ياۋىداق سۆز ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتەلەيسىلەر. شىنجاڭنى ئېچىۋېتىش ھەقىقىي ئېچىۋېتىش، بىز جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان تېخىمۇ كۆپ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت زاتلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەتتە بولۇپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىشنىشنى كۈچەيتىشىنى قارشى ئالىمىز. ساۋاقداشلارنىڭ بۇ قېتىمقى سەپەردە مول ھاسىلاتقا ئېرىشىشىگە، جۇڭگودىكى ئوقۇشىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز.  

 جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان قىسمەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىم شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇپ، ئۈرۈمچى، تۇرپان قاتارلىق جايلارغا باردۇق، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلاندۇق، مول مەدەنىيەت ۋە قويۇق بولغان كۆپ مىللەت ئۆرپ- ئادەتلىرىنى ھېس قىلدۇق، شىنجاڭ خەلقىنىڭ قىزغىنلىقى، مېھماندوستلۇقىنى ھېس قىلدۇق. شىنجاڭ ئىنتايىن گۈزەل ئىكەن، پۇرسەت بولسا يەنە زىيارەتكە كېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى پائال ياخشى سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ھەقىقىي گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭنى چۈشەندۈرۈپ، دۆلىتىمىز بىلەن جۇڭگونىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن كۆۋرۈك بەرپا قىلىشنى خالايمىز.                      

 چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125