ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى
يېزا- كەنت بازىرى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر پارچە خەلق ئۆرپ- ئادىتى مەنزىرىسى، ئۇ، تۇرمۇش پۇرىقىغا ۋە تەبىئىي جەلپكارلىققا تولغان. سەھەردىكى تۇنجى قۇياش نۇرىنى يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە چېچىپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يېزىلىرىدىكى بازارلارنى ئويغاتتى.
1- ئاينىڭ 11- كۈنى، شەنبە. ئارام ئېلىشقا كۆزى قىيمىغان ئۇرايىم يۇنۇس ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت بىلەن سىرتقا چىققاندا: «يامانسۇ بازىرى گەرچە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ئەڭ كىچىك بازار بولسىمۇ، ئەمما ھازىر تولىمۇ ئاۋاتلىشىپ كەتتى، مەن بېرىپ ئايلىنىپ كېلەي» دېدى قوشنىسىغا.
ئۇرايىم ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي بازىرى سۆگەتمازار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، بازارغا بېرىپ چالغۇ سېتىش ئۇنىڭ «يېڭى تىرىكچىلىك يولى». يېزا تاشيولىدىكى ئاپتوموبىل ئېقىمىغا ئەگىشىپ، ئۇرايىم يىراقتىن ئاق تام، قارا كاھىشلىق ئىمارەتلەر توپىنى كۆردى، بۇ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشتىكى ئەڭ يارقىن رايون بولۇپ، يامانسۇ بەخت يېڭى رايونى، يامانسۇ قىرغىز يېزىسى بازىرى ھەم دوختۇرخانا، مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىقلار بار ئىدى.
ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە، يەكشەنبە كۈنى ناھىيە بازىرىدا بازار بولىدۇ، دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە بەزى يېزا- بازارلاردا نۆۋەت بىلەن بازار بولىدۇ. چېگرا لىنىيەسىگە يېقىن يامانسۇ قىرغىز يېزىسىدا پەقەت 8000دىن ئارتۇق ئادەم بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم ياشلار تاغقا چىقىپ چېگرا قوغدايدىغان، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەيدىغان بولغاچقا، بازار كۆلىمى باشقا يېزا - بازارلارغا يەتمەيدۇ.
چۈشكە يېقىن، ئۇرايىم موتوسىكلىتىنى بازاردىكى بىر يول ئېغىزىغا توختىتىپ قويۇپ، دۇتارنى ئېلىپ پۈتۈن ھېسسىيات بىلەن چېلىشقا باشلىدى. مۇزىكا ئاۋازى بۇ يەردىكى بىر كۈچىيىپ، بىر پەسىيىۋاتقان خېرىدار چاقىرىش ئاۋازلىرى، كىشى مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغان قاينام- تاشقىنلىقتىن ھالقىپ يىراقلارغا تارالدى، مېۋە- كۆكتات سودا رايونىدا ئايلىنىپ يۈرگەن ئەيسا توختى، تىرىك چارۋا سودا رايونىدا تاي ساتىدىغان مەمەت تىيىپ قاتارلىق بىر نەچچە ياشانغان كىشى دۇتارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلدى، ئۇلار ئۇرايىمنىڭ موتوسىكلىتىغا تىزىپ قويۇلغان راۋاب، تەمبۇر، داپ قاتارلىق چالغۇلارنى قولىغا ئېلىپ، ۋاقىتلىق مۇزىكا ئەترىتى بولۇپ تەشكىللەندى.
ئولىشىپ كۆرۈۋاتقانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، 76 ياشلىق مەمەت تىيىپ شوخ ئۇسسۇلغا چۈشتى. تىرىك چارۋا سودا رايونىغا باغلاپ قويغان تاينى ئۇ ئەسلا ئۇنتۇپ كەتكەندەك ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە بازارغا قوي ساتقىلى كەلگەن موللىكېرىم مەمەت مۇنداق دېدى: «ئۇ باققان تاي ئىككى ياشقا كىرگەن بولۇپ، يېقىندىن بۇيان ھەر قېتىم بازارغا ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، سېتىلىش- سېتىلماسلىقى مۇھىم ئەمەس، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمۈپ خۇشال بولسىلا بولدى».
مۇخبىر بازارنى ئايلانغاچ، ھەربىر كىشىنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەنگەنلىكىنى كۆردى.
شېرىنگۈل مەخمۇتنىڭ ئۆيى بازار ئالدىدىكى يامانسۇ قىرغىز يېزىسى بوز كەنتىدە بولۇپ، بۇ بازار كۈنىدە، ئۇ ئاپىسىغا ھەمراھ بولۇپ بازارغا كېلىپ كاۋاپ، سامسا قاتارلىق يېمەكلىكلەرگە ئېغىز تەگكەچ، يەنە مېۋە- چېۋە، قەنت- گېزەك ۋە پىشۇرۇق قاتارلىق باھار بايرىمىلىق ماللارنى سېتىۋالماقچى بولدى. ئۇ بازار ئايلانغاچ، پات- پات يان تېلېفونىنى چىقىرىپ، كۆك ئاسمان، ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدىكى يىراق تاغنى، تۇرالغۇ، يايما ۋە كىشىلەرنى سۈرەتكە تارتتى.
يان تېلېفونىدىكى بىر يىلدىن بۇيانقى سۈرەتلەرنى كۆرۈپ، شېرىنگۈل خۇددى چۈش كۆرگەندەك بولدۇم، دېدى. 2024- يىلى 1- ئاينىڭ 23- كۈنى سائەت 2دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرەپ، تەۋرەش مەركىزىگە بىرقەدەر يېقىن بولغان يامانسۇ قىرغىز يېزىسىدىكى قىسمەن ئۆيلەر ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىدى، ئامما ۋاقتىدا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ناھايىتى تېزلا، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەن رايوندا داغدۇغىلىق ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش باشلاندى، شۇ يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنى، بوز كەنتىدە قۇرۇلغان يامانسۇ بەخت يېڭى رايونى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئاپەتكە ئۇچرىغان 41 ئائىلىلىك ئاممىنى كۈتۈۋالدى.
«ئۆيى زىيانغا ئۇچراپ ئولتۇرۇشقا ماس كەلمىسە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاپەتكە ئۇچرىغان ئائىلىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ ئورۇنلاشتۇردى. ئۆيى زىيانغا ئۇچرىغاندىن كېيىنمۇ يەنە ئولتۇرغىلى بولىدىغان ئۆيلەرنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ياردەم قىلىپ پۇختىلاپ رېمونت قىلىپ بەردى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مەكتەپ، دوختۇرخانا ھەتتا تاغدىكى چېگرا قوغدىغۇچىلار تۇرىدىغان ئۆيلەرنىمۇ ئويلاشتى. ھازىر، ھەممە ئائىلىلەر خاتىرجەم ھەم راھەت تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى بازاردا سامسا ساتىدىغان ئابدۇكېرىم رۇسۇل خۇشال ھالدا مۇخبىرغا.
ئابدۇكېرىم يامانسۇ قىرغىز يېزىسى يۇقارقى يامانسۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، يەر تەۋرەش يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش چېدىرىغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ھەر ۋاق تامىقىدا ئىسسىق شورپا، ئىسسىق تاماق يېدى، ئىسسىنىش، كېسەل كۆرسىتىشنىڭ ھەممىسى كاپالەتكە ئىگە بولدى، قوي بېقىش، ئىشلەش، سودا قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھېچقايسىسى تەسىرگە ئۇچرىمىدى. يېرىم يىلغا يەتمەيلا، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەن رايوننىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى، ئۇ ۋە يۇرتداشلار ئويلاپ باقمىغان ياخشى ئىشلار بىر- بىرلەپ كۆز ئالدىدىكى رېئاللىققا ئايلاندى. «ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش مېنى سودامنى زورايتىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى، بازار ئالدىغا يېڭىدىن بىر قاتار دۇكان سېلىندى، مەن بىر ئېغىز دۇكان ئىجارە ئېلىپ ئاشخانا ئاچماقچى بولۇۋاتىمەن» دېدى ئۇ.
بازاردا، مەيلى يايما ئاچقىلى كەلگەن سودىگەرلەر بولسۇن، ياكى مال سېتىۋالغىلى كەلگەن يېزا- كەنت كادىرلىرى بولسۇن، يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى يېزىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنسا، ھەممىسى يەر تەۋرەش يۈزبەرگەن چاغدىكى ئىلاجسىزلىق، غەم قىلىشتىن تارتىپ بارغانسېرى ئىللىقلىققا، بەختكە تولغان يېڭى تۇرمۇشنى ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىدۇ.
«يېقىندىن بۇيان، مېنىڭ سودام خۇددى بازاردىكى ئوچاقتا كۆيۈۋاتقان ئوتتەك قىزىپ كەتتى. باھار بايرىمىغا ئاز قالدى، پۇقرالار ئائىلە يىغىلىشى قىلغاندا، يېزا- كەنتلەردە <كەنت بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى> ئۆتكۈزۈلگەندە، ھەممەيلەن چالغۇ چېلىپ بەختنى كۈيلەشنى ئويلايدۇ. بىز ھەممىمىز ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشتىن مەنپەئەتلەنگۈچى.» ئۇرايىم بازاردا شوخ مۇزىكىلارنى چالماقتا، مۇزىكا ساداسىغا ئەگىشىپ، يامانسۇ قىرغىز يېزىسى بازىرىدىكى بەخت تۇيغۇسى قاتلاممۇقاتلام تارقالماقتا.