ما لىخۇڭ: شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ چوڭ سەھنىگە يۈزلەندۈرىمەن
10:51:02 2025-01-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يەن شياۋتيەن

«مەن ھەر كۈنى دېگۈدەك كۆرگەزمە زالىغا بېرىپ ئايلىنىپ، كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاپ، چۈشەندۈرۈش لايىھەسىنى ھەر ۋاقىت تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ تۇرىمەن». 1- ئاينىڭ 12- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئىلى لىن زېشۈ خاتىرە سارىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما لىخۇڭ مۇنداق دېدى: كۆرگۈچىلەر باش تېمىلىق كۆرگەزمە، ئالاھىدە كۆرگەزمە قاتارلىقلاردىن كۆپ ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ، كۆرگەزمىنى پىلانلاشتا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆرگۈچىلەرگە جاۋاب قايتۇرىمىز.

مۇزېي، خاتىرە سارايلار جەمئىيەتنى قانداق قىلىپ يۇقىرى سۈپەتلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن سىجىل تەمىنلەش ما لىخۇڭ ئىزچىل ئويلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلە، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆز خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىدىكى مۇھىم يۆنىلىش.

«قانداق قىلغاندا ئۆزگىچە ئىجادىي مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغىلى، قانداق قىلغاندا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرغىلى بولىدۇ؟» ما لىخۇڭ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: 2024- يىلى، مەن بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردۇم، بۇلتۇر، مەن شىنجاڭ ئىچىدىكى كۆپلىگەن مۇزېيلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قىسمەن مەھسۇلاتلاردا ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى، شۇ جايدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئامىللىرىنى قېزىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش دېگەندەك ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر بولمىغانلىقتىن مەدەنىيەت رايون خاسلىقى دېگەندەك روشەن گەۋدىلەنمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بايقىدىم.

ما لىخۇڭ مۇنداق دېدى: پەقەت مەدەنىيەت ئاساسىنى چوڭقۇر قېزىپ يېڭىلىق يارىتىپ يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاس IP بەرپا قىلىپ، «باشقىلاردا يوقلىرى بىزدە بار، باشقىلاردا بارلىرىنىڭ بىزدە سەرخىلى بار» بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار رىقابەت كۈچى ۋە مۇزېي ماركا تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

مۇزېيغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆز ئالدىغا مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىش- ئېچىش، ئېنىقكى غايەت زور خىرىس. بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ما لىخۇڭ باشلامچى بولۇپ «ئىجادىي تەپەككۇرغا تولغان ئىلى، كۆزنى چاقنىتىدىغان مۇزېي» تېمىسىدىكى ئىلى ئوبلاستى مۇزېي مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلەش مۇسابىقىسىنى تەشكىللەپ، 50 كۈن توپلاش ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن 489 ئەسەرنى تاپشۇرۇۋالدى، بۇ ئەسەرلەر مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش، كۆرۈش سېزىمى ماركىسىنى لايىھەلەش، رەقەملىك كۆرۈنۈشنى لايىھەلەش، ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ياخشى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

«بۇ يىل، مەن ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ساھەسىنى چۆرىدەپ تەكلىپ بېرىشكە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىمەن.» ما لىخۇڭ مۇنداق دېدى: «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭ ھېكايىسى، ئىلى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى، ئىلىنىڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ چوڭ سەھنىگە يۈزلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىم بار».

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125