قۇندۇزئاي تاش:​ ئەدەبىيات- سەنئەت گۈلزارلىقىغا ھۆسن قوشۇپ، يۇرتىمىزغا سوۋغا تەقدىم قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن
10:54:45 2025-01-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سى لۇلۇ

«ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيەتلىرىم شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل تۇپراقتىن ئايرىلالمايدۇ، يۇرتىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ قوشۇشنى خالايمەن»، دېدى 1- ئاينىڭ 12- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى قۇندۇزئاي تاش مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا.

قۇندۇزئاي تاش شىنجاڭ سەنئەت ئورنى ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك ئارتىسى، ئۇ ھېسسىياتنى ئىنچىكە، ھەقىقىي ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، ئۇ ياراتقان پېرسوناژلار كىشى قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى شىنجاڭ تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.

1998- يىلى قۇندۇزئاي تاش مەركىزىي تىياتىر شۆيۈەنىنىڭ ئاكتىيورلۇق فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ، شۇ يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئورنى ئوپېرا ئۆمىكىگە خىزمەتكە چۈشتى. ئوقۇش پۈتكۈزۈشتىن ئىلگىرىكى 1996- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1997- يىلىنىڭ بېشىغىچە، ئۇ چاڭچۇن كىنو ئىستۇدىيەسى سۈرەتكە ئالغان «خاربىندا ئۆتكەن ئىشلار» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رۇسىيەلىك قىز ئاننانىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى. ئارقىدىن ئۇ يەنە «ئۇچرىشىش» «مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن» «كاتىپ تاللاش» قاتارلىق ئون نەچچە ئىتۇتتا رول ئېلىپ، مول ئويۇن قويۇش تەجرىبىسى توپلىدى.

2005- يىلى قۇندۇزئاي تاش «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» ناملىق چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق تىياتىرنى ئورۇنلاشقا قاتنىشىپ، شىنجاڭ ۋە دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەردىكى 14 شەھەردە ئويۇن قويۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈشتىن ئىبارەت چىن مۇھەببەتكە تولغان ھېكايىسى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاماشىبىنلارنى تەسىرلەندۈردى.

2014 - يىلى، «چىن مۇھەببەت» ناملىق فىلىم سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىدى، قۇندۇزئاي تاش مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى ھەنىپە ئالىماخۇننىڭ رولىنى ئېلىپ، بۇ ئانىنىڭ قانداشلىق ھالقىغان، مىللەت ھالقىغان كىشىلىك دۇنيادىكى چىن مېھىر- مۇھەببەت بىلەن نەچچە ئون يىلدا ئالتە مىللەتتىن بولغان 19 بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشقانلىقىدىن ئىبارەت تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى ھەقىقىي قايتا نامايان قىلدى.

«مۇنەۋۋەر، قىممىتى بار ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش ئارتىسلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، يۇرتداشلارغا بەخت يارىتىش ھەربىر شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ چىن ھېسسىياتى، چىن قەلبى» دېدى قۇندۇزئاي تاش.

قۇندۇزئاي تاش ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىدا، ئۇ كۆپ قېتىم تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن توغرا ۋە ئېنىق چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىش ۋە قوغدىلىش داۋامىدا يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىغا كۈچ قوشتى.

«ساياھەتچىلەر ساۋۇردىڭ ئۇسسۇلى، قىز قۇۋارنى كۆرگەندە كۆزلىرى نۇرلىنىپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇلارغا بەك قىزىقىدۇ.» قۇندۇزئاي تاش مۇنداق تەكلىپ بەردى: تىرىشىپ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقىنى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، ئىستىراھەت- كۆڭۈل ئېچىش، بايرام، ئويۇن قويۇش قاتارلىق كۆپ خىللاشقان چۆكمە شەكىلدىكى مەھسۇلاتلارغا ئايلاندۇرۇپ، جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۇنياغا شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125