كېسىم ئىلتىماسىغا قايسى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك؟
«ئەمگەك- كادىرلار تالاش- تارتىشلىرى بويىچە كېسىم چىقىرىش، دېلو بېجىرىش قائىدىسى»نىڭ 29- ماددىسىدا، ئىلتىماس قىلغۇچى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا يازما كېسىم ئىلتىماسى سۇنۇشى ھەمدە ئىلتىماس قىلىنغۇچى سانىغا ئاساسەن قوشۇمچە نۇسخىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.
كېسىم ئىلتىماسىدا تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:
ئەمگەكچىنىڭ ئىسىم- فامىلىسى، جىنسى، تۇغۇلغان ۋاقتى، كىملىك نومۇرى، تۇرۇشلۇق جايى، ئالاقىلىشىش ئادرېسى ۋە ئالاقىلىشىش تېلېفونى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ نامى، تۇرۇشلۇق جايى، ئالاقىلىشىش ئادرېسى، ئالاقىلىشىش تېلېفونى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ ئىسىم- فامىلىسى، ۋەزىپىسى؛
كېسىم تەلىپى ۋە ئاساسلانغان پاكىت، سەۋەب؛
ئىسپات ۋە ئىسپات مەنبەسى، گۇۋاھچىنىڭ ئىسىم- فامىلىسى ۋە تۇرۇشلۇق جايى.
كېسىم ئىلتىماسىنى يېزىشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بولسا، ئاغزاكى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، كېسىم ھەيئىتى خاتىرىلەپ قويىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى ئىمزاسىنى قويىدۇ، تامغىسىنى باسىدۇ ياكى بارمىقىنى بېسىپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
كېسىم ئىلتىماسى قېلىپلاشمىغان ياكى ماتېرىياللار تولۇق بولمىغان بولسا، كېسىم ھەيئىتى ئىلتىماس قىلغۇچىغا تولۇقلاشقا تېگىشلىك بارلىق ماتېرىياللارنى نەق مەيداندا ياكى بەش كۈن ئىچىدە بىر قېتىمدىلا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
كېسىم ھەيئىتى دەۋالاشقۇچىلار تاپشۇرغان ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇۋالغاندا تاپشۇرۇۋېلىش ئۇچۇر قەغىزى بېرىشى كېرەك.
پايدىلانغان مەنبە: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى