يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كېسەللىكلىرىنى تاسقاپ تەكشۈرۈش مەركىزى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى
11:51:00 2025-01-17 تىيانشان تورى

 1- ئاينىڭ 13- كۈنى، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى شىنجاڭ دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كېسەللىكلىرىنى تاسقاپ تەكشۈرۈش مەركىزى بۇ دوختۇرخانىدا رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلغان، بۇ، شىنجاڭنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كېسەللىكلىرىنى تاسقاپ تەكشۈرۈپ ئىقتىدارىنىڭ يەنىمۇ ئۆسۈشىگە كۈچ قوشىدىكەن.

 يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كېسەللىكلىرىنى تاسقاپ تەكشۈرۈش كەمتۈك تۇغۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ، نوپۇس ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى شىنجاڭ دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىجرائىيە دوختۇرخانا باشلىقى رېن شياۋتۇن مۇنداق دېدى: «ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كېسەللىكلىرىنى تاسقاپ تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ رەسمىي قۇرۇلۇشى ئىلگىرىكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كېسەللىكلىرىنى تاسقاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى، تەكشۈرۈش تېخنىكىسى، سۈپەت كونترول قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى چەكلىمىلەرنى ئۆزگەرتىپ، يوشۇرۇن ئىرسىيەت مېتابولىزمى خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە بايقاپ ۋە ئۇنىڭغا ئارىلىشىپ، بالىلارنى قۇتقۇزۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلار ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ».

 تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى شىنجاڭ دوختۇرخانىسىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كېسەللىكلىرى كوللېكتىپى 2009- يىلىدىن باشلاپ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كېسەللىكلىرىنى تاسقاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، 15 يىلغا يېقىن تىرىشىش ئارقىلىق، تەۋەلىكىدىكى تاسقاپ تەكشۈرۈش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەن ھەمدە ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىلىرىغا يۈزلىنىپ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قوللىنىش ۋە تاسقاپ تەكشۈرۈش، باشقۇرۇش جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى پائال كېڭەيتكەن.

 كېيىنكى قەدەمدە، بۇ دوختۇرخانا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كېسەللىكلىرىنى تاسقاپ تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كېسەللىكلىرىنى تاسقاپ تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشى ۋە قوبۇل قىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەركىزىي پەن قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دوختۇرخانىنىڭ ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، كامالەتكە يەتكەن كەسپىي تېخنىكىسى ۋە مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار قوشۇنىغا تايىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، تاسقاپ تەكشۈرۈش، دىياگنوز قويۇش، داۋالاش، زىيارەت قىلىش، پەن تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى تېخىمۇ ئەتراپلىق، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان كېسەللىكلەرنى تاسقاپ تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125