ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، 2025- يىللىق مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، مۇلازىمەت ئوبيېكتى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر، تىزىمغا ئېلىنغان ئىشسىزلار، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ۋە تۈرلۈك ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلارنى قاپلاپ، تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرى ئۈزۈلۈپ قالماسلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى توختاپ قالماسلىق ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، «10 + N» ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى مەخسۇس پائالىيىتى ماركىسى سىجىل بەرپا قىلىنىدۇ.
ئۇقتۇرۇشتا پۈتۈن يىللىق 10 تۈرلۈك پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
بىرىنچى، دىققەت ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، 2024- يىلى 12- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 2025- يىلى 1- ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە «ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئېيى» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەردىكىلەر، تىزىمغا ئېلىنغان ئىشسىزلار قاتارلىق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەركەزلىك ياردەم بېرىلىدۇ.
ئىككىنچى، دىققەت يېزا ئەمگەك كۈچلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، 1- ئايدىن 3- ئايغىچە «باھار شامىلى ھەرىكىتى» قانات يايدۇرۇلۇپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
ئۈچىنچى، دىققەت ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ياشلار توپىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدىكى مەملىكەت بويىچە شەھەرلەردە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى بىرلەشمە تەكلىپ قىلىش مەخسۇس پائالىيىتى، 100 كۈندە 10 مىليون خىزمەتچى مەخسۇس تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى، مەملىكەت بويىچە ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتى، مەركەز كارخانىلىرى شىزاڭ، چىڭخەي، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە يۈزلىنىپ مەخسۇس مەيدان تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك پائالىيەت داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھوقۇق- مەنپەئەتنى قوغداش، قىيىنچىلىقى بارلارغا يار- يۆلەك بولۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىنىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
تۆتىنچى، دىققەت پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار قاتارلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، 4-، 10- ئايلاردا پۇقراۋى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئېيى ۋە ئالتۇن كۈز تەكلىپ قىلىش ئېيىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك پائالىيەت تەشكىللىنىپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار مۇلازىمەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتتىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت كۈچلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا يېقىنلىشىپ، مۇلازىمەتنى تۆۋەنگە يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئىش ئورنى تونۇشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خاس ماركا يارىتىپ، تەشۋىق قىلىش ۋە كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.