ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم خېتىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
مەركەز سىياسىي- قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى
پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش- يېتىشتۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە 2025- يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىش مۇھاكىمە قىلىندى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىنىڭ تۈرلۈك دوكلاتلىرىنى تەييارلاش، تۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى
ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 1- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ 9- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيىغا ئەۋەتكەن مۇھىم خېتىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەز سىياسىي- قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ ئۆي- زېمىن كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مەملىكەت بويىچە پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش- يېتىشتۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى، 2025- يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىش، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، قانۇنشۇناسلىق تەتقىقاتى، قانۇنچىللىق ئەمەلىيىتى، قانۇنچىللىق تەشۋىقاتى ۋە قانۇن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىق روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەش ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدىكى شىنجاڭ سىياسىي- قانۇن خىزمىتىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. باشتىن- ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى مەسىلە، كەمتۈكلۈك ۋە يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سىياسىي- قانۇن ساھەسىدە نىزام چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ- ئامان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پارتىيە سىياسىي- قانۇن خىزمىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يېڭى دەۋر سىياسىي- قانۇن پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىپ، سىياسىي- قانۇن ساھەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ھەقىقىي تۈردە مەسىلىلەرنى تولۇق تەتقىق قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىنچىكە تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئۆي- زېمىن كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تېگى- تەكتىنى ئېنىقلاپ، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، ئۆي- زېمىن كەسپى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆزى تۇتۇپ، ئۆزى باشقۇرۇپ، تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆي- زېمىن كەسپى بازىرىدىكى خەۋپ- خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆي- زېمىن كەسپى خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، دىققەتنى پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ساپانى ئۆستۈرۈش، رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ناھىيەلىك، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى سىستېمىلىق، ئىلمىي، دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، غايە- ئېتىقاد تەربىيەسىنى سىجىل كۈچەيتىش، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى» قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ كەسپىي بىلىمى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى تەربىيەسىنى يۈكسەلدۈرۈشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇش كېرەك. خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇسۇل، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، نىشانلىق ئىش كۆرۈپ تەربىيەلەشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى كۈچلۈك پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەڭ ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەك. كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسىگە ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، تەشكىلىي سىستېما ۋە خىزمەت كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ 2025- يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىش مۇھاكىمە قىلىندى، مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ ئىش. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دىققەتنى ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ ئالغا سىلجىتىپ، بىرمۇبىر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلارنىڭ بېجىرىلىشى، ياخشى بېجىرىلىشى، ئاممىنىڭ ھېس قىلىشى، مەنپەئەتلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى خەلق رايى قۇرۇلۇشى، سىياسىي تەدبىر قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىنىڭ تۈرلۈك دوكلاتلىرىنى تەييارلاش، تۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىلقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى «14- بەش يىل» تاماملىنىدىغان، «15- بەش يىل» پىلانلىنىدىغان ئاچقۇچلۇق يىلدا ئېچىلىدىغان مۇھىم يىغىن. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ھەم مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى قاتارلىقلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك. كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىپ، ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئەستايىدىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.